مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

گۈيجۇ، يۈننەن 4-ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ياخشى ئۆگەندى

2019.12.13 16:09 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  يېقىنقى مەزگىلدە، «مەن ۋە ۋەتىنىم» تېمىسىدىكى پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ھەققىدىكى پۇقرالار لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتى گۈيجۇ، يۈننەن قاتارلىق جايلاردا قىزغىن قانات يايدۇرۇلدى. لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتى ياشلار ۋە ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش قىزغىن دولقۇنىنى قوزغىدى.

  11-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، گۈيجۇ مېدىتسىنا داشۆسى، گۈيياڭ مەدەنىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش باغچىسى ئاشىلىشى تىياتىرخانىسىغا، ئاندىن كېيىن گۈيجۇدىن يۈننەنگە بېرىپ، كۈنمىڭ شەھەرلىك ياش-ئۆسمۈرلەر سارىيى، يۈننەن سىفەن داشۆسى ۋۇگۇڭ مەكتەپ رايونىغا كىرىپ، ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلىرى، كارخانا ئىشچى-خىزمەتچىلىرى قاتارلىقلار بىلەن يۈزمۇ-يۈز پىكىر ئالماشتۇردى.

  لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى زىچ چۆرىدەپ، ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ئىشلار ۋە ھەقىقىي ھېسسىياتى بىلەن، ۋەتىنىمىزنىڭ تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرى ھەم ئۆز خىزمەت ئورنىدىكى ئارزۇلىرىنى ئۈستىدە ئىزدىنىش ھېكايىلىرىنى سۆزلەش ئارقىلىق، ياشلارنىڭ پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، چۈشىنىشىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشىغا ياردەم بەردى ھەم يېتەكلىدى.

  لېكسىيە نەق مەيدانىدا، گۈيجۇ مېدىتسىنا داشۆسى 2-يىللىقىنىڭ ئوقۇغۇچىسى جېڭ يەنجى چوڭقۇر تەسىراتقا كەلگەن ھالدا مۇنداق دېدى: مەن ئەزالارنىڭ لېكسىيەسىنى ئاڭلاپ، ئۆزۈمنىڭ مۇشۇنداق يېڭى دەۋردە ئۆسۈپ يېتىلگەنلىكىمدىن چەكسىز بەختلىك ھېس قىلدىم، بىر ياش بولۇش سۈپىتىم بىلەن، كەسپىي بىلىم-ماھارىتىمنى تېرىشىپ ئۆستۈرۈپ، بۇندىن كېيىنكى خىزمەت ئورنۇمدا ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىپ، ۋەتەنگە جاۋاپ قايتۇرىمەن.

  لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، يۈننەن ئۆلكىسى دىچىڭ زاڭزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى تەبىئىي بايلىق جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى جىنايى ئىشلار رازۋېدكا تارماق ئەترىتىنىڭ سىياسىي كومىسسارى دۈنجۇ پېيچۇ ياڭلا ساقچىخانىسىنىڭ ئۇزۇن يىل تاغلىق رايوندا چىڭ تۇرۇپ، ئىناقلىق، مۇقىملىقنى قەتئىي قوغداپ، خەلق ئاممىسىغا خاتىرجەملىك، بەخت ئېلىپ كېلىش ھېكايىسىنى سۆزلەپ بەردى. يۈننەن سىفەن داشۆسى ئىقتىساد ۋە باشقۇرۇش شۆيۈەنىنىڭ 2016-يىللىق پۇل مۇئامىلە كەسپى ئوقۇغۇچىسى لى شۈ لېكسىيەنى ئاڭلاپ نەچچە قېتىم كۆز يېشى قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: دۈنجۇ پېيچۇ ۋە ياڭلا ساقچىخانىسىدىكى خەلق ساقچىلىرىنىڭ دېڭىزدىن يۈزىدىن 3500 مېتىر ئېگىز بولغان قارلىق ئېگىزلىكتە يىلبويى قانداق چىڭ تۇرۇپ ئىشلىگەنلىكى، ئىناقلىق، خاتىرجەملىكنى قانداق قوغدىغانلىقى، بۇنىڭ ئۈچۈن قانچىلىك قەيسەرلىك كۆرسەتكەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلماق قىيىن.

  يۈننەن سىفەن داشۆسى مائارىپ ئىلمى بۆلۈمى ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ سىياسىي يېتەكچىسى جاڭ دېخۇ لېكسىيە ئۆمىكى ئەزالىرىنىڭ ھەقىقىي، ئاددىي، تەسىرلىك ھېكايىلىرىدىن بەك تەسىرلەندى. جاۋ دېخۇ مۇنداق دېدى: ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىدا پارتىيەۋىلىكنىڭ شانلىق نۇرى چاقناپ تۇرغان بولۇپ، كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئەسلى مەقسىتى ۋە خىسلىتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، يېڭى دەۋر ياشلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە دادىللىقىنى نامايان قىلىپ بەردى، ئالىي مەكتەپ ئاساسىي قاتلام ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئۆگىنىش، ئوقۇتۇشتىن ئۇرغۇپ چىققان تەسىراتىمنى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، ئاددىي ئىش ئورنۇمدا قالتىس ھېكايىلەرنى بارلىققا كەلتۈرىمەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ