مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگو ئۈزلۈكسىز مۆجىزە ياراتماقتا شۇنداقلا دۇنياغا مۆجىزە كۆرسەتمەكتە

2019.12.13 16:07 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  جۇڭگو خەلقئارا ئاخبارات ئالماشتۇرۇش مەركىزى 2019-يىللىق تۈرى ئافرىقا، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى مەركىزىنىڭ بىرلەشمە ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىدا، سومالى دۆلەت ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرى ئابدى: جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقى ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىش، جاپا-مۇشەققەتكە چىداپ تىرىشىش ۋە ئاجايىپ رەھبەرلىك قىلىش ئارقىلىق ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرماقتا. جۇڭگو مۆجىزە ياراتماقتا ھەمدە دۇنياغا مۆجىزە كۆرسەتمەكتە دېدى.

  دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگو ئاممىۋى دىپلوماتىيە جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان جۇڭگو خەلقئارا ئاخبارات ئالماشتۇرۇش مەركىزى 2019-يىللىق تۈرى ئافرىقا، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى مەركىزىنىڭ بىرلەشمە ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمى 12-ئاينىڭ 11-كۈنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى.

  بۇ تۈرگە قاتناشقان ئابدى مۇنداق دەپ قارىدى: بۇ قېتىمقى تاراتقۇلارنى تەربىيەلەش ئالماشتۇرۇش تۈرى جۇڭگونىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلىدى، ماڭا قولۇمغا قەلەم ۋە فوتو ئاپپاراتنى ئېلىپ سۇمالىغا جۇڭگونى، ئافرىقا بىلەن جۇڭگونىڭ مول ئۈنۈملۈك دوستلۇقى ۋە ھەمكارلىقىنى تونۇشتۇرۇش پۇرسىتى يارىتىپ بەردى.

  سەنشى، خۇنەن قاتارلىق ئون نەچچە ئۆلكە، ئاپتونوم رايوننى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن، جۇڭگونىڭ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان تەرەققىيات نەتىجىلىرى، ئىلغار تېخنىكىسى ۋە مۇكەممەل ئۇل ئەسلىھەلىرى ئابدىدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى.

  ئابدى مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي ئىسلاھاتى 800 مىليون كىشىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادى گەۋدىگە ئايلاندى. جۇڭگو ئۆزى تەرەققىي قىلىپلا قالماي، دۇنيادىكى باشقا دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىياتىدىمۇ مۇھىم رول ئوينىماقتا. جۇڭگو ئوتتۇرىغا قويغان «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسى قىتئەلەر ئارا ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نۇرغۇن دۆلەتلەرنى بۇنىڭدىن نەپكە ئىگە قىلدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئافرىقا دۆلەتلىرى جۇڭگونىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشتى، جۇڭگو بىلەن ئافرىقا «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش رامكىسى ئىچىدە ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىقنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى جىپسىلاشتۇردى.

  ئابدى مۇنداق دەپ قارىدى: تۈر ۋە قۇرۇلۇشلار ئافرىقىدا بىر-بىرلەپ ماكانلىشىپ، تېخنىكا جەھەتتىن تەربىيەلەش ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشى ئارقا-ئارقىدىن قانات يايدۇرۇلدى، بۇلار ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرىنى ياخشىلاپلا قالماي، يەنە نەچچە مىڭ كىشىگە ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى يارىتىپ بەردى. خۇددى سۇمالىنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى قۇرەيد تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو-ئافرىقا ئىقتىساد-سودا كۆرگەزمىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا ئېيتقاندەك، جۇڭگو ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ ياخشى دوستى، مەبلەغ سالغۇچىسى، شۇنداقلا قوللىغۇچىسى بولۇپ قالدى.

  نېپال دۆلەت ئاگېنتلىقىنىڭ مۇھەررىرى سۇبېيدىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش تەسىراتقا ئىگە بولدى. ئون ئايدىن بۇيان، ئۇ ئوخشىمىغان تاراتقۇلار، ئاقىللار ئامبىرى ۋە ئىلمىي ئاپپاراتلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، كۆپ ھوسۇل ئالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئۆگەنگۈچىلەرگە يۈزلەنگەن ئېچىۋېتىلگەن داشۆ. جۇڭگونىڭ ئىناق جەمئىيىتى، باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىدىغان خەلقى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى، تارىخقا بولغان ھۆرمىتى ۋە كەلگۈسىگە بولغان ئۈمىدى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆگىنىشىمىز كېرەك.

  سۇبېدى جۇڭگودىكى كۈنلىرىنى ئەسلەپ ئاغزى ئاغزىغا تەگمەي ماختاپ مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى توسۇپ قالغىلى بولمايدۇ. ئۆتكەن 70 يىلدا، جۇڭگو ئاجىز دۆلەتتىن خەلقئارادىكى تۆھپە قوشقۇچىغا ۋە يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان دۇنيادىكى كۈچلۈك دۆلەتكە ئايلاندى. جۇڭگو ئىرادىنىڭ سىمۋولى، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى يەنە نېپالغا ئوخشاش تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە ئىلھام بەرمەكتە.

  جۇڭگو خەلقئارا ئاخبارات ئالماشتۇرۇش مەركىزى2019 -يىللىق تۈرى ئافرىقا، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى مەركىزى بۇ يىل 2-ئاينىڭ ئاخىرلىرى ئىشقا كىرىشىپ، 49 دۆلەتتىن 50 مۇخبىر جۇڭگوغا كېلىپ تەربىيەلىنىشكە ۋە زىيارەت قىلىشقا تەكلىپ قىلىندى.

  بەش ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، ئىككى مەركەزنىڭ مۇخبىرلىرى جۇڭگونىڭ دۆلەت ئەھۋالى، مەدەنىيىتى، ئاخبارات كەسپى بويىچە سىستېمىلىق تەربىيەلەندى، ئىككى يىغىن، بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىنىڭ يىللىق يىغىنى، 2-نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق مۇنبىرى قاتارلىقلارنى زىيارەت قىلدى ھەمدە يېزا ئىگىلىكى يېزا مىنىستىرلىقى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقى قاتارلىق ئورۇنلار ۋە خەينەن، جياڭسۇ قاتارلىق جايلاردا زىيارەتتە بولدى، ئالاقىدار خەۋەردىن 1000 پارچىدىن كۆپرەكنى ئېلان قىلدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ