مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتى ھەربىي ئۇنۋان بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى

2019.12.13 15:57 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ شياڭجاڭلىق ھەربىي ئۇنۋانى بېرىش مۇراسىمى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى بېيجىڭ «1-ئاۋغۇست» بىناسىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ شاڭجياڭلىق ھەربىي ئۇنۋانى بېرىلگەن ئوفىتسېرلارغا بۇيرۇقنامە تارقىتىپ بەردى. چۈشتىن كېيىن سائەت تۆتتىن 50 مىنۇت ئۆتكەندە، ئۇنۋان بېرىش مۇراسىمى ھەيۋەتلىك دۆلەت شېئىرى ساداسى ئىچىدە باشلاندى. مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شۈ چىلياڭ مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ئىمزالىغان شاڭجياڭلىق ھەربىي ئۇنۋانى بېرىش بۇيرۇقىنى ئوقۇپ ئۆتتى. مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ يۇشيا ئۇنۋان بېرىش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  بۇ قېتىم شاڭجياڭلىق ھەربىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن ئوفىتسېرلار تۆۋەندىكىچە: شەرقىي قىسىم ئۇرۇش رايونىنىڭ قوماندانى خې ۋېيدۇڭ، شەرقىي قىسىم ئۇرۇش رايونىنىڭ سىياسىي كومىسسارى خې پىڭ، جەنۇبىي قىسىم ئۇرۇش رايونىنىڭ سىياسىي كومىسسارى ۋاڭ جيەنۋۇ، شىمالىي قىسىم ئۇرۇش رايونىنىڭ قوماندانى لى چياۋمىڭ، راكېتا ئارمىيەسىنىڭ قوماندانى جۇ يانىڭ، ئىستراتېگىيەلىك ياردەمچى قىسىمنىڭ قوماندانى لى فېڭبياۋ، ھەربىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ باشلىقى ياڭ يى. شاڭجياڭلىق ھەربىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن يەتتە ئوفىتسېر رەتلىك، روھلۇق ھالدا رەئىس سەھنىسىنىڭ ئالدىغا كەلدى. شى جىنپىڭ ئۇلارغا بۇيرۇقنامە تارقىتىپ بېرىپ، ئۇلار بىلەن سەمىمىي قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، تەبرىكلىدى. شاڭجياڭلىق پاگونىنى تاقىغان يەتتە ئوفىتسېر شى جىنپىڭغا، مۇراسىمغا قاتناشقان بارلىق يولداشلارغا سالام بەردى، مەيداندا قىزغىن ئالقىش سادالىرى ياڭرىدى. ئۇنۋان بېرىش مۇراسىمى ياڭراق ھەربىي ناخشا ساداسى ئىچىدە ئاخىرلاشتى. ئارقىدىن، شى جىنپىڭ قاتارلىق رەھبىرىي يولداشلار شاڭجياڭلىق ھەربىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن ئوفىتسېرلار بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى. مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن ۋېي فېڭخې، لى زوچېڭ، مياۋ خۇا، جاڭ شېڭمىن ھەمدە ھەربىي ئىشلار كومىتېتى ئورگىنىنىڭ ھەر قايسى تارماقلىرىنىڭ رەھبەرلىرى، بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق چوڭ ئورۇنلارنىڭ مۇئاۋىن ئۇرۇش رايونى دەرىجىلىكتىن يۇقىرى رەھبەرلىرى ئۇنۋان بېرىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ