مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئاۋمېن ئانا-بالىلار تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرى كۆرگەزمىسى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى

2019.12.13 15:55 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  12-ئاينىڭ 12-كۈنى ئاۋمېن ئانا-بالىلار تەرەققىيات نەتىجىلىرى كۆرگەزمىسى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. نەتىجىلەر كۆرگەزمىسىدە ئاۋمېن ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كەلگەن 20 يىلدىن بۇيان، ئاۋمېندىكى ھەر ساھە ئاياللىرىنىڭ ۋەتەننى، ئاۋمېننى سۆيۈشتەك ساپ مۇھەببىتى، ئالاھىدە رايوننىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىغا ئاتلىنىش، ۋەتەننىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە سىڭىشىشتەك ئاكتىپ نەتىجىلىرى ۋە تۆھپىسى ئىپادىلەندى.

  ئاۋمېن جۇڭخۇا مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى چېن خۇڭ مۇنداق دېدى: ۋەتەننىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ئارقىسىدا، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن ئوقۇشقا ئەۋەتىلىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ نورمىسىمۇ ئۈزلۈكسىز كۆپەيدى، ھازىر ئۇلارنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىدىن كۆپرەكى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە كېلىپ ئوقۇشنى تاللىدى، كەلگۈسىدە بىز دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە يەنىمۇ سىڭىپ، ئۆزىمىزنىڭ تەقدىرىنى دۆلەتنىڭ تەقدىرى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، دۆلەتنىڭ «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بىر كىشىلىك تۆھپە قوشىمىز ۋە تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز.

  ئاۋمېن ئاياللار بىرلەشمىسى باش جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى خې دىڭيى مۇنداق دېدى: ئاۋمېنلىق بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز ناھايىتى بەختلىك ھېس قىلىمىز، بىز ئەينى ۋاقىتتا ئاۋمېن ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن چوقۇم ياخشى بولۇپ كېتىدۇ دەپ ئويلىغان ئىدۇق، لېكىن بۈگۈنكىدەك بۇنداق ياخشى بولۇپ كېتىشىنى ئويلىماپتىكەنمىز، شۇڭا بىز چوقۇم پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ۋەتەننىڭ تەرەققىيات پويىزىغا ئولتۇرۇپ، دۇنياغا «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم» نىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقى، كىشىلەر قەلبىگە ياقىدىغانلىقى، بولىدىغان ئىش ئىكەنلىكىنى نامايان قىلىشىمىز كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ