مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگو دېموكراتىك ئىتتىپاقى 12-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى

2019.12.13 15:53 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  جۇڭگو دېموكراتىك ئىتتىپاقى 12-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو دېموكراتىك ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى دىڭ جۇڭلى جۇڭگو دېموكراتىك ئىتتىپاقى 12-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن خىزمەت دوكلاتى بەردى، دائىمىي مۇئاۋىن رەئىس چېن شياۋگۇاڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىندا جۇڭگو دېموكراتىك ئىتتىپاقى 12-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى ۋە قاراپ چىقىلدى، 12-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت نازارەتچىلىك كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى قاراپ چىقىلدى. يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: 2020-يىلى «13-بەش يىل»لىق پىلاننىڭ ئاخىرقى يىلى، شۇنداقلا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىپ، تۇنجى يۈز يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا مۇتلەق غەلبىنى قولغا كەلتۈرىدىغان يىل. پۈتۈن ئىتتىپاق يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، مەۋقەنى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنىڭ قاتلىنىش مەزگىلىدىكى يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپىلىرىگە قارىتىپ، پۈتۈن ئىتتىپاقنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ