مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دۆلەتلىك باج باش ئىدارىسى كېلەر يىللىق شەخسىي تاپاۋەت بېجىنىڭ مەخسۇس قوشۇمچىسىنى چىقىرىۋېتىش سىياسىتى ئەسكەرتمىسىنى ئېلان قىلدى

ئۇچۇردا ئۆزگىرىش بولمىسا ئاپتوماتىك ھالدا داۋاملىق چىقىرىۋېتىشتىن بەھرىمەن بولىدۇ

2019.12.13 15:26 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەتلىك باج باش ئىدارىسى يېقىندا ئەسكەرتمە ئېلان قىلىپ، 2020-يىلى شەخسىي تاپاۋەت بېجى مەخسۇس قوشۇمچىسىنى چىقىرىۋېتىشتىن داۋاملىق بەھرىمەن بولۇشتا دائىم كۆرۈلىدىغان مەسىلىلەرنى چۈشەندۈردى.

  دۆلەتلىك باج باش ئىدارىسى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئەگەر شەخسىي تاپاۋەت بېجىنىڭ مەخسۇس قوشۇمچىسىنى چىقىرىۋېتىش ئۇچۇرى، ۋەزىپە ئۆتەشتە ياللىغۇچى ئورۇن قاتارلىق ئۇچۇرلاردا 2019-يىلى ئۆزگىرىش بولمىسا، 2020- يىلى شەخسىي تاپاۋەت بېجىنىڭ مەخسۇس قوشۇمچىسىنى چىقىرىۋېتىش ئۇچۇرىنى جەزملەشتۈرۈش رەسمىيىتىنى بېجىرمىسىمۇ بولىدۇ، بۇ ئارقىلىق باج تاپشۇرغۇچىلارغا ئەڭ زور دەرىجىدە قولايلىق يارىتىپ بېرىلىدۇ.

  ئەسكەرتىش ①: بۇ يىل ئىدارىدە مەخسۇس قوشۇمچىسىنى چىقىرىۋېتىش رەسمىيىتىنى بېجىرگەنلەر، كېلەر يىلى داۋاملىق ئىدارىدە بېجىرمەكچى بولسا قانداق قىلىش كېرەك؟

  مەسىلەن، 2019-يىلى مەخسۇس قوشۇمچىسىنى چىقىرىۋېتىش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولغان ھەمدە 2020-يىلى ئىدارىدە داۋاملىق چىقىرىۋېتىش رەسمىيىتىنى بېجىرىشكە توغرا كېلىدىغانلار سىياسەتتىن بەھرىمەن بولۇش شەرتىگە ئاساسەن ھەمدە كېلەر يىللىق ئەمەلىي ئەھۋالغا بىرلەشتۈرۈپ، بۇ يىل 12-ئايدا ئالدىنقى باسقۇچلۇق تولدۇرغان ئۇچۇرلارنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالىغا ۋاقتىدا دىققەت قىلىش كېرەك؛ ئەگەر ئۆزگىرىش بولسا ۋاقتىدا ئۆزگەرتىش كېرەك.

  باج ئورگىنى باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن مەشغۇلات تەرتىپىنى يەنىمۇ ئاددىيلاشتۇردى، ئەگەر ئۆزگەرتىلمىسە، تولدۇرۇلغان چىقىرىۋېتىش ئۇچۇرلىرى ئاپتوماتىك ھالدا كۈچكە ئىگە دەپ قارىلىدۇ ھەمدە 2020-يىلىغا ئۇزارتىلىدۇ. لېكىن ئەسكەرتىشكە تېگىشلىكى شۇكى، ئەگەر كېلەر يىلى مەخسۇس قوشۇمچىسىنى چىقىرىۋېتىش ئۇچۇرىدا ئۆزگىرىش بولسا، ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ۋاقتىدا تۇتۇپ قېلىپ تاپشۇرۇش ياكى باج ئورگىنىنى ئالاقىدار ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەپ، سىياسەتتىن بەھرىمەن بولۇش، ھەتتا شەخسىي ئىناۋەتكە تەسىر يەتكۈزۈشتىن ساقلىنىش كېرەك.

  ئەسكەرتىش ②: بۇ يىل مەخسۇس قوشۇمچىسىنى چىقىرىۋېتىش ئۇچۇرلىرىنى تولدۇرغان تۇرۇقلۇق، نېمە ئۈچۈن يەنە 12-ئايدا دىققەت قىلىش كېرەك؟

  بۇ يىل تولدۇرۇلغان مەخسۇس قوشۇمچىسىنى چىقىرىۋېتىش ئۇچۇرلىرى بۇ يىللىق ئەھۋالغا ئاساسەن تولدۇرۇلىدۇ ھەمدە سىياسەتتىن بەھرىمەن بولىدۇ؛ ئەگەر ئالاقىدار ئەھۋاللاردا ئۆزگىرىش بولسا، ۋاقتىدا ئەمەلىيەتكە ئاساسەن يېڭىلاشقا توغرا كېلىدۇ. باج ئورگانلىرى مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى ئالدىن تولدۇرۇپ بولدى، باج تاپشۇرغۇچى پەقەت يان تېلېفون APP، تور بەت قاتارلىق يوللار ئارقىلىق ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى تەكشۈرسە ھەمدە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى تۈزەتسىلا بولىدۇ. (تولۇق تېكىستى ئۇلانمىسى)

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ