مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مۇلازىمەت ھەپتىلىكى پائالىيىتىنى ئۆتكۈزدى

2019.12.13 15:01 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى 17- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئادەم كۈچى بايلىقى بازىرىدا ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مۇلازىمەت ھەپتىلىكى پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. پائالىيەتتە 2020- يىلى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلار، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارزۇسى بار ۋە ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ ئىشقا ئورۇنلىشالمىغان ئالدىنقى نۆۋەتلىك ئوقۇغۇچىلار ۋە «ئۈچكە ياردەم بېرىش، بىرنى يۆلەش» قاتارلىق ئاساسىي قاتلام مۇلازىمەت تۈرلىرىنىڭ مۇددىتى توشۇپ ئىشقا ئورۇنلىشالمىغان ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى مۇلازىمەت ئوبيېكتى قىلىپ، نۇقتىلىق ھالدا «ئۈچ ۋىلايەت، ئۈچ ئوبلاست» ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر ۋە كارتا بېجىرىپ ئارخىپ تۇرغۇزغان باشقا نامرات ئائىلىلەردىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  مۇلازىمەت ھەپتىلىكىنىڭ تۇنجى مەيدان خىزمەتچى قوبۇل قىلىش يىغىنى خېفېي شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. شاڭخەي، جياڭسۇ، جېجياڭ، ئەنخۇي قاتارلىق تۆت ئۆلكە (شەھەر) ۋە ئۆلكە ئىچىدىكى 16 شەھەرنىڭ جامائەت ئىختىساسلىقلار مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرى بىرلىكتە تەشكىللەپ، دۆلەت ئىلكىدىكىلەر، داڭلىق كارخانىلار، پاچ چېكى تۈزۈمى، يۇقىرى ۋە يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلار ۋە ئالىي مەكتەپ-تېخنىكوملار، پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى قاتارلىق تۈرلۈك كارخانا ۋە كەسپىي ئورۇنلاردا 500دىن ئارتۇق يايما ئورنى تەسىس قىلىپ، چاڭجياڭ دېلتىسى رايونىدىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى، يۆتكىلىشى ۋە ياخشى سەپلىنىشىنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈردى. مۇلازىمەت ھەپتىلىكى پائالىيىتى مەزگىلىدە، جايلاردىكى ئادەم كۈچى بايلىقى تارماقلىرى، تۈرلۈك ئادەم كۈچى بايلىقى مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرى نەق مەيداندا تەكلىپ قىلىش يىغىنى، ئادەم كۈچى بايلىقى مۇلازىمىتى مەخسۇس تەكلىپ قىلىش، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەشكە يېتەكچىلىك قىلىش، كارخانا ئادەم كۈچى بايلىقى دىرېكتورلىرىنى مەكتەپلەرگە كىرىش، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش سىياسەت-تەدبىرلىرىنى تەشۋىق قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى مەركەزلىك قانات يايدۇرۇپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنى كۆپ خىللاشقان ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى. جۇڭگو ئادەم كۈچى بايلىقى بازىرى تورى، جۇڭگو ئاممىۋى تەكلىپ قىلىش تورى، جۇڭگو دۆلەت ئىختىساسلىقلار تورى پائالىيەت مەخسۇس رايونلىرىنى تەسىس قىلىپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنى تۈرلۈك باھالاش ۋە ئۇچۇر ئېلان قىلىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ