مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قەتئىي قولغا كەلتۈرەيلى

2019.12.13 14:51 مەنبە: خەلق تورى

  ئەمدىلا يېپىلغان مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى بولسا، پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4- ئومۇمىي يىغىنىدىن كېيىن ئېچىلغان بىر قېتىملىق مۇھىم يىغىن. يىغىندا، بۇ يىللىق ئىقتىسادىي خىزمەتلەر ئەستايىدىل خۇلاسىلىنىپ، نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت چوڭقۇر تەھلىل قىلىنىپ، كېلەر يىللىق ئىقتىسادىي خىزمەتلەر ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇلدى، بۇ بىزنىڭ ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ۋە «13- بەش يىللىق» يىرىك پىلاننى تولۇق ئورۇنلاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشتا مۇھىم ھەم چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە.

  بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئىچكى-تاشقى خەۋپ-خەتەر ۋە خىرىسلار كۆرۈنەرلىك ئېشىۋاتقان مۇرەككەپ ۋەزىيەت ئالدىدا، پۈتۈن پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە بولغان بارلىق ئورۇنلىرى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «ئالتە مۇقىملىق» خىزمىتىنى پۇختا ۋە ياخشى ئىشلەپ، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەتنىڭ سىجىل ۋە ساغلام تەرەققىياتىنى ساقلاپ، «13- بەش يىللىق» يىرىك پىلاندىكى ئاساسلىق كۆرسەتكۈچلەرنىڭ سۈرئىتى مۆلچەرگە ئۇيغۇن بولۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا يېڭى ۋە زور ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلدى.

  كېلەر يىلى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ۋە «13- بەش يىللىق» يىرىك پىلاننى تولۇق ئورۇنلاش يىلى. شۇڭا، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، «14- بەش يىللىق» تەرەققىيات ۋە ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ياخشى ئاساس سېلىش كېرەك، بۇ ھەم ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش مەزگىلى، ھەم شۇنداقلا مۇستەھكەم ئىستىھكامغا ھۇجۇم قىلىش مەزگىلى، ئىقتىسادىي خىزمەتنى ياخشى ئىشلەش ئىنتايىن مۇھىم. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 2 ـ ، 3 ـ ، 4ـ ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئاساسىي نەزەرىيەسى، ئاساسىي لۇشيەنى، ئاساسىي تاكتىكىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشان ۋەزىپىسىنى زىچ چۆرىدەپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا، ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىپ، «ئالتىدە مۇقىم بولۇش» خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى ئىشلەپ، ئىقتىسادنى مۇقىم ئاشۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىشنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈشىنىڭ مۇۋاپىق بولۇشىنى ساقلاپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ۋە «13- بەش يىللىق» يىرىك پىلاننى تولۇق ئورۇنلاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، خەلقنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ۋە تارىخنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان بولۇش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ