مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە مەملىكەت بويىچە دېڭىز-ئوكيان ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 6 تىرىليون 400 مىليارد يۈەنگە يېقىنلاشتى

2019.12.12 16:45 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ تەبىئىي بايلىق مىنىستىرلىقىدىن ئۇقۇشىچە، 2019-يىلى ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە دېڭىز-ئوكيان ئىقتىسادىنىڭ يۈرۈشۈشى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولغان، دەسلەپكى قەدەمدە مۆلچەرلىنىشىچە، ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە مەملىكەت بويىچە دېڭىز-ئوكيان ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 6 تىرىليون 400 مىليارد يۈەنگە يېقىنلىشىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.3 ئاشقان.

  دېڭىز-ئوكيان ئەنئەنىۋى كەسپى تەكشى، سىلىق يۈرۈشكەن، دېڭىز-ئوكيان قاتناش-تىرانسپورتى تەكشى، سىلىق ئېشىشنى ساقلاپ، دېڭىز بويى ۋە يىراق ئوكيان يۈك تىرانسپورت مىقدارى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم %8.5 ۋە %10.1 ئاشقان؛ دېڭىز-ئوكيان نېفىت، تەبىئىي گاز مەھسۇلات مىقدارى داۋاملىق ئېشىشنى ساقلاپ، مەملىكەت بويىچە دېڭىز-ئوكيان نېفىت ۋە تەبىئىي گاز مەھسۇلات مىقدارى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم %2.3 ۋە %5 ئاشقان؛ مەملىكەت بويىچە كېمىسازلىق قۇرۇلۇشىنىڭ تاماملىنىش مىقدارى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.7 ئاشقان.

  دېڭىز-ئوكيان گۈللەنمە يېڭى كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈلگەن. دېڭىز-ئوكيان قۇرۇلۇشى جابدۇقچىلىقى تاپشۇرغان زاكاز بۇ يىل ئىچىدە تۇنجى قېتىم ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئېشىپ، تاپشۇرغان زاكاز سوممىسى 6 مىليارد 200 مىليون دوللارغا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %19.2 ئاشقان؛ دېڭىز-ئوكيان ھاسىلىي ئېنېرگىيەسىدىن پايدىلىنىش تىجارەت كىرىمى، پايدا نىسبىتى بىردەك تۆۋەنلەپ، تۆۋەنلەش نىسبىتى 1-ئايدىن 8-ئايغىچە ئايرىم-ئايرىم 1.7 ۋە 1 پىرسەنت پوئېنت تۆۋەنلىگەن؛ پوچتا پاراخوتى پىرىستانىدا چېگرادىن كىرىپ-چىقىدىغان يولۇچىلارنىڭ نىسبىتى داۋاملىق تۆۋەنلەپ، تۆۋەنلەش نىسبىتى 1-ئايدىن 8-ئايغىچە 2 پىرسەنت پوئېنت تۆۋەنلىگەن.

  دېڭىز-ئوكيان تاشقى سودىسىدا ياخشىلىنىش بولغان، دېڭىز ئۈستى يىپەك يولى لىنىيەسىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىقتىساد-سودا ئالاقىسى كۈنسېرى قويۇقلاشقان. دېڭىزغا چېتىشلىق مەھسۇلاتلارنىڭ ئىمپورت-ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %11 تۆۋەنلەپ، تۆۋەنلەش نىسبىتى 1-ئايدىن 8-ئايغىچە 2.7 پىرسەنت پوئېنت تۆۋەنلىگەن. ئېلىمىزنىڭ دېڭىز ئۈستى يىپەك يولى لىنىيەسىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان دېڭىز تىرانسپورتى ئىمپورت-ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %3.1 ئاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە، ئېكسپورت سوممىسى %4.3، ئىمپورت سوممىسى %2.1 ئاشقان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ