مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

بۇ يىل %95 ئەتراپىدىكى نامرات ئاھالىلەر نامراتلىقتىن قۇتۇلىدۇ

نامراتلارنى يۆلەش دەل جايىدا بولدى، ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش ئۈمىدكە تولدى

2019.12.12 16:44 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  ھاللىق سەۋىيەگە يەتكەن-يەتمىگەنلىكىگە قاراشتا، مۇھىمى يۇرتداشلارغا قاراش كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىش، غەلىبە قىلىش ئۈچۈن بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان مەركەزدىن تارتىپ يەرلىككىچە ئېغىر نامراتلىققا مەركەزلىك ھۇجۇم قىلىپ، گەۋدىلىك، قىيىن مەسىلىلەرنى نىشانلاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش سۈرئىتى، ئۈنۈمىنى ئاشۇردى. شىخەيگۇدىن غەربىي جەنۇب چېگراسىغىچە، ۋۇمېڭشەن رايونىدىن چىنبانىڭ ئىچكىرى رايونلىرىغىچە لو گوفېڭنىڭكىگە ئوخشاش نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ھېكايىسى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشنىڭ سەلتەنەتلىك جاۋابىنى بەردى: بۇ يىل يىل ئاخىرىغىچە، مەملىكەت بويىچە %90تىن ئارتۇق نامرات ناھىيەنىڭ نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلاش، %95 ئەتراپىدىكى نامرات ئاممىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش مۆلچەرلەندى.

  بۇ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىدىغان، ئومۇميۈزلۈك ئاخىرلاشتۇرىدىغان ئاچقۇچلۇق باسقۇچقا قەدەم قويغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. 2020-يىلى يەنە بىر يىل تىرىشىش ئارقىلىق قالغان %5 نامرات ئاھالىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋەزىپىسى تاماملىنىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنى نەچچە مىڭ يىل قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان كۆك نامراتلىق مەسىلىسى تارىخىي خاراكتېرلىك ھەل قىلىنىپ، ئىنسانىيەتنىڭ نامراتلىققا قارشى تۇرۇشتىكى جۇڭگو مۆجىزىسى پۈتۈلىدۇ!

  كىشىنى خۇشاللاندۇرىدىغىنى %95 ئەتراپىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، ھەر يىلى 10 مىليوندىن ئارتۇق كىشىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ___ بۇ سانلىق مەلۇماتلاردا «ئالتۇن مىقدارى» ئىنتايىن يېتەرلىك:

  −− «قان سېلىش» «قان ئىشلەپچىقىرىش»قا ئۆزگىرىپ، نامرات ئائىلىلەرنىڭ تەرەققىيات ئىقتىدارى تېخىمۇ كۈچەيدى.

  «نامراتلىقنى يىلتىزىدىن يۇلۇپ تاشلاشتا چوقۇم ئۆز كەسپى بولۇشى كېرەك». گۇيجوۋنىڭ پەنجوۋ شەھىرى جياشى يېزىسى پارتىيە ياچېيكا شۇجىسى لۇڭ تاۋ بۇ ھەقتە چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە ئىدى، كىچىك تاغلىق كەنت چۆللىشىپ كەتكەن تاغلىق رايونغا جايلاشقان بولۇپ، تاغلىرى ئېگىز، يوللىرى تىك، تاشلار كۆپ ئىدى. نامراتلىق ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن 50 نەپەر كادىر «تاغنى ئوراپ»، قۇرغاقچىلىققا، ئۈنۈمسىز يەرگە چىداملىق تىكەنلىك نەشپۈت كەسىپلەر باغچىسى قۇردى. «تاشتىن پۇل تۆكىلىدىغان دەرەخ ئۈنىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن»، دېدى 72 ياشلىق كەنت ئاھالىسى رېن دېشۈ ھاياجانلىنىپ،- تاشلىق تاغ يېشىل تاغقا، يېشىل تاغ «ئالتۇن تاغ»قا ئايلىنىپ، بۇ يىل پۈتۈن ئائىلىدىكىلەر 30 مىڭ يۈەن كىرىم قىلدۇق.

  مەملىكەت بويىچە كارتا بېجىرىلىپ، ئارخىپ تۇرغۇزۇلغان %92 نامرات ئائىلە كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا قاتنىشىپ، كەسىپلەر ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش، نامراتلارنى يۇقىرى سۈپەتلىك يۆلەشكە تىرەك بولدى. جايلار ئۆز شارائىتىغا قاراپ «بىر كەنتتە بىر تەدبىر» بولۇش بويىچە نامراتلارنى يۆلەش كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇردى، ۋۇمېڭشەن رايونى تاتلىق ئاپېلسىن، چىنباشەن رايونى مايمۇن شاپتۇلى، دابيېشەن رايونى جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرى ... تېرىدى. زور بىر تۈركۈم خاس كەسىپلەر نامرات تاغلىق رايونلاردا غول تارتىپ ئۆسۈپ، نامرات ئاممىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشتىكى «يېڭى ھەميېنى»گە ئايلاندى. يېقىنقى ئالتە يىلدا، نامرات رايونلاردىكى يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئىلىكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە ئېشىش سۈرئىتى پۈتۈن مەملىكەت يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن 2.3 پىرسەنت پوئېنت ئېشىپ، ھەر بىر نامرات ئائىلىنىڭ تۇرمۇشىدا تۈپ خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش بولدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ