مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئۇچۇر ئىستېمالى كۆلىمى زورايماقتا (ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يارقىن نۇقتىلىرى كۆپ، ئەۋرىشىمچانلىقى يېتەرلىك بولماقتا)

ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە كۆلىمى 4 تىرىليون يۈەنگە يېقىن بولدى، يېڭى تېخنىكا ھەرقايسى ساھەلەرگە تېز سىڭىپ كىرمەكتە

2019.12.12 16:43 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  2019-يىلى، ئېلىمىزنىڭ ئۇچۇر ئىستېمالى كۆلىمى سىجىل كېڭەيدى، ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدىكى كۆلىمى 4 تىرىليون يۈەنگە يېقىنلاشتى.

  كۆلەم ئۈزلۈكسىز زورىيىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇچۇر ئىستېمالى بىلەن ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ يۇغۇرۇلۇشى كۈنسېرى چوڭقۇرلىشىپ، كىيىم-كېچەك، يېمەك- ئىچمەك، تۇرالغۇ، يۈرۈش-تۇرۇش، كۆڭۈل ئېچىش قاتلاملىرىغا سىڭىپ كىرىپ، ئىستېمال شەكلى تېخىمۇ مول، كۆپ مەنبەلىك بولدى.

  بۇنىڭدىن كېيىن، ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرلىرىنى تاللاش، ئۇچۇر ئىستېمال سارىيى قۇرۇلۇشىنى قانات يايدۇرۇش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق، ئۇچۇر ئىستېمالىنىڭ يوشۇرۇن كۈچى داۋاملىق نامايان قىلىنىدۇ.

  ئىنفىرا قىزىل نۇرلۇق قوش كۆزلۈك تېلېكامېرا ئارقىلىق ھەر ۋاقىت ئەتراپتىكى مۇھىتنى سۈرەتكە ئېلىپ، ئاندىن G5 تورى ئارقىلىق AI نىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا يوللىنىدۇ، ئەڭ ئاخىرىدا نەتىجىسىنى ئاۋاز شەكلىدە ئەمالارغا يەتكۈزۈپ بېرىدۇ. يېقىندا، تۇنجى نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك يېڭى تىپتىكى ئۇچۇر ئىستېمال مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە، 5G لىق ئەمالارغا يېتەكچىلىك قىلىش ئەينىكى نۇرغۇن مەھسۇلاتلار ئىچىدە ئۆز كارامىتىنى كۆرسىتىپ، مۇكاپاتقا ئېرىشتى. «5G، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار قاتارلىق يېڭى بىر ئەۋلاد ئۇچۇر تېخنىكىسىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشى يېڭىچە ئۇچۇر مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇلازىمىتىنى بارلىققا كەلتۈرۈش ئۈچۈن يېڭى ئىمكانىيەت يارىتىپ، ئۇچۇر ئىستېمالىنىڭ يوشۇرۇن بوشلۇقىنى يەنىمۇ قېزىپ چىقىدۇ»، دېدى تۈر مەسئۇلى، جېجياڭ كۆچمە خەۋەرلىشىش كەسپى سىستېمىسىنى ئاسراش ئىنژېنېرى شىڭ بياۋ.

  يالغۇز 5G لىق ئەمالارغا يېتەكچىلىك قىلىش ئەينىكىلا ئەمەس، AI تەرجىمە تايىقى، VR ئىدراكلىق سىنىپ، ئەۋرىشىم ئەشيا ئوبوروتى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئاشخانا ماشىنا ئادىمى... ئىلگىرىكى پەن- تېخنىكا توغرىسىدىكى يارقىن سۆزلەر مۇسابىقىدە بىر-بىرلەپ كۆرگىلى، ھېس قىلغىلى بولىدىغان يۇقىرى پەن-تېخنىكا مەھسۇلاتى ۋە يۇقىرى تېخنىكىلىق مەھسۇلاتقا ئايلىنىپ، ئېلىمىزنىڭ ئۇچۇر ئىستېمالى تەرەققىياتىنىڭ جۇشقۇن ھاياتىي كۈچىنى ئەكس ئەتتۈردى.

  سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، 2019-يىلى ئېلىمىزنىڭ ئۇچۇر ئىستېمالى كۆلىمى سىجىل كېڭەيگەن، ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدىكى كۆلىمى 4 تىرىليون يۈەنگە يېقىنلاشقان. چوڭ سانلىق مەلۇمات، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، بۇلۇت ھېسابلاش قاتارلىق يېڭى بىر ئەۋلاد ئۇچۇر تېخنىكىسى تېخىمۇ تېز سۈرئەتتە ئىستېمالنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىگە ئومۇميۈزلۈك سىڭىپ كىردى. رەقەملەشتۈرۈش، تورلاشتۇرۇش، ئىدراكلىقلىشىش مۇساپىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز تېزلىشىشىگە ئەگىشىپ، نۇرغۇن يېڭى كەسىپ ھالىتى بارلىققا كېلىپ، ئۇچۇر ئىستېمال ئېھتىياجىنىڭ تېز قويۇپ بېرىلىشىگە تۈرتكە بولدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ