مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگو فىلىمى «مۇزىكانت» رىئودې ژانېيرو خەلقئارا كىنو بايرىمىدا ئالاھىدە شەرەپ مۇكاپاتىغا ئېرىشتى

2019.12.12 14:33 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 21-نۆۋەتلىك بىرازىلىيە رىئودې ژانېيرو خەلقئارا كىنو بايرىمى «جۇڭگو كىنو كۆرگەزمىسى» بۆلىكىنىڭ باشلىنىش فىلىمى بولغان جۇڭگو فىلىمى «مۇزىكانت» 10-دېكابىر رىئودې ژانېيرودا قويۇلدى ھەمدە كىنو بايرىمىنىڭ ئالاھىدە شەرەپ مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

  رىئودې ژانېيرو خەلقئارا كىنو بايرىمىنىڭ رەئىسى باربوسا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ كىنو ئارقىلىق بىرازىلىيە خەلقى جۇڭگولۇق مۇزىكانت شيەن شىڭخەينىڭ كەچۈرمىشلىرىنى چۈشىنىپ، جۇڭگو كىنوچىلىقىنىڭ يۇقىرى ئىشلەش سەۋىيەسىدىن ھۇزۇرلاندى. بىرازىلىيە كىنو ساھەسىدىكىلەر جۇڭگو كىنو ساھەسىدىكىلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئىككى دۆلەت خەلقى ئارىسىدىكى تەسىرلىك ھېكايىلەرنى ئېكرانغا ئېلىپ چىقىشنى ئارزۇ قىلىدۇ.

  بىرازىلىيە كاندىدو مېندېس داشۆسىنىڭ مۇدىرى كاندىدو مېندېس مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: بۇ كىنونىڭ مەزمۇنى چوڭقۇر بولۇپ، جۇڭگو- بىرازىلىيە ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ۋە قىممەتكە ئىگە.

  رىئودې ژانېيرو خەلقئارا كىنو بايرىمى 1999-يىلى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، بىرازىلىيە بىلەن لاتىن ئامېرىكىسى رايونىنىڭ كىنوچىلىق كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بىرازىلىيە بىلەن ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ كىنوچىلىق ساھەسىدىكى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلغان. بۇ نۆۋەتلىك كىنو بايرىمىدا «مۇزىكانت»، «ئاشۇ تاغ، ئاشۇ ئادەم، ئاشۇ ئىت»، «خۇنەن قىزى شياۋ شياۋ»، «پىيادە مەكتەپكە بېرىش» قاتارلىق جۇڭگونىڭ نۇرغۇن مۇنەۋۋەر كىنولىرى كۆرگەزمىگە تەكلىپ قىلىندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ