مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باياناتچىسى ئامېرىكا ۋەكىللىرىنىڭ ئىنسانىي ھوقۇق مەسىلىسىدىن پايدىلىنىپ جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىغا قەتئىي قارشى تۇرىمىز، دېدى

2019.12.12 13:37 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باياناتچىسى 10-دېكابىر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكىنىڭ ب د ت دا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلى كېللى كرافت جۇڭگونىڭ ئىنسانىي ھوقۇق ئەھۋالىنى سەۋەبسىز ئەيىبلەپ، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئېغىر دەرىجىدە ئارىلاشتى، جۇڭگو بۇنىڭغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى ۋە قەتئىي قارشى تۇرىدۇ.

  باياناتچى مۇنداق دېدى: جۇڭگو ھۆكۈمىتى خەلقنى مەركەز قىلىشتا، تەرەققىيات داۋامىدا ئىنسانىي ھوقۇقنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە قوغداشتا باشتىن- ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان جۇڭگوچە ئىنسانىي ھوقۇق تەرەققىيات يولىدا مېڭىپ، دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقۇدەك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. 9 مىليون 600 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان زېمىندا ئۇرۇش مالىمانچىلىقى، سەرسان- سەرگەردانلىق، ۋەھىمە يوق، 1 مىليارد 400 مىليونغا يېقىن خەلق خاتىرجەم، ئەركىن، بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرمەكتە. مانا بۇ ئەڭ چوڭ ئىنسانىي ھوقۇق قۇرۇلۇشى، ئەڭ ياخشى ئىنسانىي ھوقۇق ئەمەلىيىتى. بۇ ئاداۋىتى يوق ھەرقانداق ئادەم ئېنىق كۆرەلەيدىغان ئاساسىي پاكىت.

  باياناتچى مۇنداق دېدى: جۇڭگو ھۆكۈمىتى پۇقرالارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى قانۇن بويىچە قوغدايدۇ. جۇڭگودا دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان پۇقرالار 200 مىليونغا يېقىنلىشىدۇ، ھازىر بار بولغان دىنىي تەشكىلاتلار 5500 دىن ئاشىدۇ، تەخمىنەن 140 مىڭ دىنىي پائالىيەت سورۇنى بار. جۇڭگونىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ئەھۋالىدا ھېچقانداق مەسىلە مەۋجۇت ئەمەس. جۇڭگونىڭ شىنجاڭ رايونىدا قوللانغىنى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش تەدبىرلىرى. بۇ تەدبىرلەر شىنجاڭدا ئۈچ يىلدىن بۇيان بىر قېتىممۇ تېررورلۇق ھۇجۇمى ۋەقەسىنىڭ يۈز بەرمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىنسانىي ھوقۇقىنى ئۈنۈملۈك قوغدىدى.

  باياناتچى مۇنداق دېدى: ئامېرىكىنىڭ ئۆزىگە قارايدىغان بولساق، قورال-ياراغ زوراۋانلىقى ئېغىر، باي-نامراتلىق بۆلۈنۈش كۈچىيىپ، ئىرقىي كەمسىتىش چوڭقۇر يىلتىز تارتتى، دىن جەھەتتە كەڭ قورساقلىق قىلماسلىق ئەھۋالى ئەۋج ئېلىپ كەتتى. ئامېرىكا يەنە دۇنيانىڭ ھەممىلا يېرىدە قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلىپ، كۆپ مەيدان ئۇرۇش قوزغاپ ۋە ئۇنىڭغا قاتنىشىپ، رەڭلىك ئىنقىلاب قىلىپ، ئالاقىدار دۆلەت خەلقىنىڭ ئىنسانىي ھوقۇقىغا ئېغىر دەخلى-تەرۇز قىلدى.

  باياناتچى مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئامېرىكىنى پاكىتقا ھۆرمەت قىلىپ، ئاداۋەتنى چۆرۈپ تاشلاپ، ئۆزىدە ساقلىنىۋاتقان ئىنسانىي ھوقۇق مەسىلىسى ئۈستىدە كۆپرەك ئويلىنىپ، ئىنسانىي ھوقۇق مەسىلىسىدە قوش ئۆلچەم ۋە سىياسىيلاشقان خاتا ئۇسۇللارنى يولغا قويۇشنى توختىتىپ، ئىنسانىي ھوقۇق مەسىلىسىدىن پايدىلىنىپ جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشنى توختىتىشقا دەۋەت قىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ