مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مەملىكەت بويىچە مۇشتۇمزورلۇقنى تازىلاش، رەزىللىكنى تۈگىتىش ئىشخانىسى نازارەت ۋە يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنى ئالاھىدە ئەۋەتىپ خېبېي قاتارلىق 10 ئۆلكە، شەھەردە «دەل جايىدا نازارەت ۋە يېتەكچىلىك قىلىش»نى قانات يايدۇردى

2019.12.12 13:22 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەت بويىچە مۇشتۇمزورلۇقنى تازىلاش، رەزىللىكنى تۈگىتىش ئىشخانىسىنىڭ ئالاھىدە ئەۋەتكەن 1- نۆۋەتلىك نازارەت ۋە يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسى 10- چېسلا ئايرىم-ئايرىم ھالدا خېبېي، سەنشى، لياۋنىڭ، فۇجيەن، شەندۇڭ، خېنەن، خۇبېي، گۇاڭدۇڭ، چۇڭچىڭ ۋە سىچۈەن قاتارلىق 10 ئۆلكە، شەھەرگە كىرىپ، نازارەت ۋە يېتەكچىلىك قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇردى. بۇ، مەركەزنىڭ كەڭ كۆلەملىك ۋە تولۇق قاپلىغان نازارەت قىلىش ۋە يېتەكچىلىك قىلىش خىزمىتى ئاياغلاشقاندىن كېيىن، دائىملىقلاشتۇرۇلغان ۋە جانلىقلاشتۇرۇلغان ھەمدە پەللە بېسىپ تۇتۇش خاراكتېرىدىكى ئالاھىدە خىزمەت گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ ئەۋەتىپ نازارەت ۋە يېتەكچىلىك قىلىش خىزمىتىنىڭ رەسمىي باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  بۇ قېتىمقى ئالاھىدە ئەۋەتىلگەن نازارەت ۋە يېتەكچىلىك قىلىشنىڭ ئەزالىرى بولسا، مەملىكەت بويىچە مۇشتۇمزورلۇقنى تازىلاش، رەزىللىكنى تۈگىتىش ئىشخانىسى تەكلىپ قىلغان تۇنجى تۈركۈمدىكى ئالاھىدە ئەۋەتىلگەن نازارەت ۋە يېتەكچىلىك قىلىش مەخسۇس خادىملرى بولۇپ، بەزىلىرى سىياسىي-قانۇن ئورۇنلىرىنىڭ مەھكىمە، ئىدارە دەرىجىلىك خىزمەتتىكى رەھبىرىي كادىرلىرى، بەزىلىرى بولسا ئەمدىلا پېنسىيەگە چىققان ياكى 2- سەپكە چېكىنگەن ئۆلكە دەرىجىلىك سىياسىي-قانۇن ئورۇنلىرىنىڭ نازىر (ئىدارە) دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلىرى، يەنە بەزىلىرى مەركەزنىڭ 3- نۆۋەتلىك نازارەت ۋە يېتەكچىلىك قىلىش خىزمىتىگە قاتناشقان سىياسىي-قانۇن ئىشلىرى مۇتەخەسسىسلىرى. ھەرقايسى ئالاھىدە ئەۋەتىلگەن نازارەت ۋە يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىلىرى مەخسۇس كۈرەشنىڭ «توسۇلۇش نۇقتىسى» ۋە «ئاغرىش نۇقتىسى» بولغان ھەمدە خەلق ئاممىسىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان، ئەمما دېلو بېجىرىش سۈرئىتى ئاستا بولغان دېلولارنى، مەخسۇس كۈرەش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كۈچلۈك بولمىغان ۋىلايەت، شەھەرلەرنى چۆرىدەپ ھەرىكەتلىك ھالدا نازارەت قىلىشنى قانات يايدۇرىدۇ؛ نۇقتىلىق خىزمەتلەر، نۇقتىلىق دېلولار، نۇقتىلىق يىپ ئۇچلىرى ۋە نۇقتىلىق رايون قاتارلىقلارغا دىققەت قىلىپ، دەل جايىدا ھەيدەكچىلىك قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە : خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ