مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئالاھىدە ئەلچىسى ئەركىن ئىمىرباقى ئارگېنتىنا يېڭى زۇڭتۇڭىنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمىغا قاتناشتى

2019.12.12 13:10 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئالاھىدە ئەلچىسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئەركىن ئىمىرباقى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى ئارگېنتىنانىڭ پايتەختى بۇئېنۇس ئايرىستا ئارگېنتىنا يېڭى زۇڭتۇڭىنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە 12-ئاينىڭ 9-كۈنى يېڭىدىن تەيىنلەنگەن زۇڭتۇڭ فېرناندېس بىلەن كۆرۈشتى. ئەركىن ئىمىرباقى فېرناندېسقا رەئىس شى جىنپىڭنىڭ قىزغىن تەبرىكى ۋە ياخشى تىلىكىنى يەتكۈزدى ھەمدە رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئۆز قولى بىلەن يازغان خېتىنى تاپشۇردى. ئەركىن ئىمىرباقى مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئارگېنتىنا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى باشتىن-ئاخىر ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىك ۋە كەلگۈسى نۇقتىدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشنى خالايدۇ، ئارگېنتىنا بىلەن قول تۇتۇشۇپ تىرىشىپ، ھەر تەرەپلىمە ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئادىمىيەت ساھەسىدىكى ئالماشتۇرۇشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، كۆپ تەرەپلىك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن ئارگېنتىنانىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇر تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

  فېرناندىس سۆزىدە رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئالاھىدە ئەلچى ئەۋەتىپ ئۆزىنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمىغا قاتناشقانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى، ھەمدە ئەركىن ئىمىرباقى ئارقىلىق رەئىس شى جىنپىڭغا سەمىمىي سالام يوللىدى. فېرناندىس مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئۆز قولى بىلەن يازغان خېتىنى ئوقۇپ، ئىنتايىن خۇشال بولدۇم ۋە ئىللىقلىق ھىس قىلدىم. ئارگېنتىنا يېڭى ھۆكۈمىتى جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىغا تولۇق ئىشەنچتە بولىدۇ ۋە ئۈمىد باغلايدۇ، جۇڭگو بىلەن قول تۇتۇشۇپ تىرىشىپ، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئالاقە ۋە ھەمكارلىقلارنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈشنى خالايدۇ.

  ئەركىن ئىمىرباقى يەنە ئارگېنتىنانىڭ يېڭىدىن تەيىنلەنگەن مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى كىرىستىنا ۋە ۋەزىپىسىدىن قالغان زۇڭتۇڭ ماكرى بىلەن كۆرۈشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ