مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئەرز قىلىش، پاش قىلىش دېلولىرىنى بىر تەرەپ قىلىشنىڭ ۋاقىتلىق چارىسى كېلەر يىلى 1- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ

يامان نىيەتتە تۆلەم تەلەپ قىلىش ۋە ئۇ ھەقتە ئەرز قىلىش قوبۇل قىلىنمايدۇ

2019.12.12 13:05 مەنبە: خەلق تورى

  يېقىندا، بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى «بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشتىكى ئەرز قىلىش، پاش قىلىش دېلولىرىنى بىر تەرەپ قىلىشنىڭ ۋاقىتلىق چارىسى» (تۆۋەندە «چارە» دېيىلىدۇ)نى تۈزۈپ چىقتى، 2020- يىلى 1- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. «چارە»دە بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ جامائەت ئەرز-شىكايەتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشتىكى تەرتىپى بىرلىككە كەلتۈرۈلدى ھەمدە ئەسلىدىكى ئالاقىدار تارماقلار تەسىس قىلغان 12315، 12365، 12331، 12358، 12330 قاتارلىق ئەرز-شىكايەت قىزىق لىنىيەسىنى 12315 قىزىق لىنىيەسى قىلىپ بىرلەشتۈرۈلدى.

  يېڭى «چارە»دە، ئىستېمالچىلار لاياقەتسىز تاۋارلارنى سېتىۋالغان بولسا كىمنى ئىزدەپ ئەرز قىلسا بولىدۇ؟ «كەسپىي تۆلەم تەلەپ قىلغۇچى»نىڭ يامان غەرەزدە ئەرز سۇنۇپ پايدا ئېلىۋېلىشتەك قىلمىشىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك؟ مۇخبىر بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى تور نازارەتچىلىك مەھكىمىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى ۋە مۇتەخەسسىسلىرىنى زىيارەت قىلدى.

  ئىستېمالچىلار ئەرز قىلغاندا زادى قانداق قىلسا بولىدۇ؟

  12315 سۇپىسى بولسا، بىر تۇتاش ئەرز قىلىشنىڭ توغرا يولىدۇر

  خېرىدارلار تاۋارنى سېتىۋالغاندىن كېيىن، سودىگەرلەر ھەمىشە رېمونت قىلىش، ئالماشتۇرۇش، تاۋارنى قايتۇرۇش، پۇلىنى قايتۇرۇش، تۆلەم بېرىش قاتارلىق جەھەتلەردە مەسئۇلىيەتنى بىر-بىرىگە ئىتتىرىپ، ئىشنىڭ راۋان بىر تەرەپ قىلىنىشىغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، ئىستېمالچىلار بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرىدىن قانداق ياردەم تەلەپ قىلسا بولىدۇ؟

  12315 سۇپىسىغا كىرىش ۋە 12315 ئارقىلىق ئەرز قىلىش، ھەمدە پاش قىلىش سۇپىسىغا تېلېفون بېرىش قاتارلىقلار ياخشى ئۇسۇلدۇر. بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى تور نازارەتچىلىك مەھكىمىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: "نۆەتتە، مەملىكەت بويىچە 12315 سۇپىسى تۇر ئۈستىدە يۈرۈشتۈرۈلمەكتە، ھەمدە ئۇ تور بېتى، ئۈندىدار، چىقىمدان، بەيدۇ قاتارلىق كۆپ خىل قولايلىق تىزىملىتىش ئۇسۇللىرىنى قوللايدۇ، ئىستېمالچىلار خالىغان جايدا ھەرقانداق بىر كارخانىنى توردا ئەرز قىلىش ۋە پاش قىلسا بولىدۇ." 12315 قىزىق لىنىيەسىنىڭ «بەش لىنىيەنى بىرلەشتۈرۈش» قۇرۇلۇشى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملاندى.

  سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2019- يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، جايلاردىكى بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى مۇشۇ سۇپا ئارقىلىق ئىستېمالچىلارنىڭ ئەرز-شىكايەتلىرىدىن بىر مىليون 850 مىڭنى بىر تەرەپ قىلدى. دېمەك، ھازىر بۇ سۇپا ئىستېمالچىلار دەۋا تەلىپىنىڭ يېڭى «يۇقىرى سۈرئەتلىك يول»ى ۋە «غول لىنىيىسى»گە ئايلاندى. بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى تور نازارەتچىلىك مەھكىمىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى يەنە مۇنداق دېدى:"كېيىنكى قەدەمدە، بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى ھەر قايسى رايونلارنىڭ 12315 مەخسۇس ئىشلىتىلىدىغان تېلېفون سانلىق مەلۇماتلىرىنى مەملىكەت بويىچە 12315 سۇپىسىغا يىغىپ، 12315 قىزىق لىنىيەسىنىڭ توردا ۋە تور سىرتىدا بىر گەۋدىلەشتۈرۈلۈشىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ."ئەرز قىلغۇچى ئەرز قىلىش جەريانىدا، مەزكۇر «چارە»دىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ئەرز قىلغۇچىنىڭ ئىسىم-فامىلىسى، تېلېفون نومۇرى، ئالاقىلىشىش ئادرېسى، ئەرز قىلىنغۇچىنىڭ نامى (ئىسىم-فامىلىسى)، ئادرېسى، شۇنىڭدەك كونكرېت ئەرز تەلىپى ۋە ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەت تالاش-تارتىشى پاكىتى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ