مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە ئەمەلىي ئىقتىسادتا 14 تىرىليون يۈەنگە يېقىن قەرز كۆپەيدى

پۇل مۇئامىلە ئېقىن سۈيىنى باشلاپ، ئىقتىسادقا ھاياتىي كۈچ قوشتى

2019.12.11 17:31 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى خەۋپ-خەتەر، خىرىسلار كۆپەيگەن ئەھۋالدا، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ بېسىمغا بەرداشلىق بېرىش بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىشىدە پۇل مۇئامىلىنىڭ تۆھپىسىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ.

  − مۇقىم، ساغلام پۇل سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، مۇۋاپىق، يېتەرلىك ھالەتنى ساقلاش ئىقتىسادنىڭ تەكشى، سىلىق يۈرۈشۈشى، ئەۋرىشىملىكى ئۈچۈن تېخىمۇ كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلىدى.

  دەسلەپكى ئىستاتىستىكىغا قارىغاندا، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسلىدە جەمئىيەت مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كۆلىمىنىڭ ئېشىش مىقدارى 18 تىرىليون 740 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 3 تىرىليون 280 مىليارد يۈەن ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە، ئەمەلىي ئىقتىسادتا 13 تىرىليون 900 مىليارد يۈەن قەرز كۆپىيىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 1 تىرىليون 100 مىليارد يۈەن ئاشقان.

  بانكا كەسپى ئۇل ئەسلىھە تۈرى، كاپالەتلىك ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەر ۋە ئاجىز ھالقىلارنى قوللاشنى كۈچەيتىپ، ئېكسپورت كارخانىلىرىنىڭ كېپىللىك مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشى، ئىگىلىك تىكلەش كېپىللىك قەرز پۇلى قاتارلىق كەسىپلەردە يېڭىلىق يارىتىشنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ، سېلىنمىنى مۇقىملاشتۇرۇش ئېقىن سۈيىنى جانلاندۇرۇپ، تاشقى سودىنى مۇقىملاشتۇرۇش بوران-چاپقۇنىنى توسۇپ، مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا كۈچ قوشتى.

  − ئىجازەتنى نىشانلىق تۆۋەنلىتىش، زايوم ئارقىلىق مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش، تەكرار دىسكونت قىلىش قاتارلىق «بىرىكمە مۇشت»لارنى ئارقا- ئارقىدىن ئېتىپ، پۇقراۋى، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەقىقىي ھەل قىلىش ئىقتىسادنىڭ ھاياتىي كۈچىنى تېخىمۇ ئاشۇردى.

  3-پەسىلنىڭ ئاخىرىغىچە، يەككە ئائىلىگە بېرىلگەن ئىناۋەت سوممىسى 10 مىليون يۈەن ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن بولغان ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق تىپىدىكى قەرز ئالغان كىچىك، مىكرو كارخانىلار 20 مىليون 864 مىڭغا يېتىپ، يىل بېشىدىكىدىن 3 مىليون 631 مىڭ 600ى كۆپىيىپ، قەرز پۇل ئۆسۈم نىسبىتى داۋاملىق تۆۋەنلىدى. تېخىمۇ كۆپ پۇقراۋى، كىچىك، مىكرو كارخانىلار «مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشتىكى ئېگىز تاغ»دىن ھالقىپ، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ يېڭى ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلدى.

  − كاپىتال بازىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كىرېدىت تارقىتىش قۇرۇلمىسىنى سەرخىللاشتۇرۇش ئىقتىسادنىڭ ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىگە تېخىمۇ يېتەرلىك ئات كۈچى قوشتى.

  پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بۆلىكى ۋاقتىدا ئېچىۋېتىلىپ، يېڭىلىق يارىتىشچان كارخانىلارنىڭ «ئالتۇن ئۇرۇقى» بۇ تەجرىبە ئېتىزىدا جۇش ئۇرۇپ ئۆستى. 10-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بۆلىكى كارخانىسىدىن 40ى بازارغا سېلىنىپ، 53 مىليارد 660 مىليون يۈەن مەبلەغ توپلىدى.

  كىرېدىت تارقىتىش ھەم كاپالەتلەندۈرۈلۈپ، ھەم تىزگىنلىنىپ، «دەل جايىدا تېمىتىپ سۇغۇرۇلۇپ»، كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىشىگە يېتەكچىلىك قىلىنىپ، ئىستېمال دەرىجىسىنىڭ ئۆسۈشى ئىلگىرى سۈرۈلدى. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، ئىستراتېگىيەلىك يېڭى گۈللەنمە كەسىپلەرنىڭ يېڭىدىن كۆپەيگەن قەرزى %37.6 كۆپەيدى. كۈتۈنۈش قەرزى، توي مۇراسىمى قەرزى... ئىستېمال تۈرىدىكى كىرېدىتتا يېڭىلىق يارىتىش مەھسۇلاتلىرى ئارقا-ئارقىدىن مەيدانغا كەلدى. ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئاھالىلەرنىڭ ئىستېمال خاراكتېرلىك قەرز پۇل قالدۇقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %18.4 ئاشتى.

  − خەۋپ-خەتەر تۆۋەن چېكىنى چىڭ ساقلاش ئىقتىسادنىڭ ئاساسىنى تېخىمۇ پۇختىلاپ، كاپالەتلەندۈرۈشنى كۈچەيتتى.

  بۇ يىل 6-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، بازارلاشقان قەرزنى پايغا ئۆزگەرتىش مەبلىغىنىڭ ئەمەلىيلىشىش نىسبىتى %41.5كە يېتىپ، كۆلەڭگە بانكا ۋە جەدۋەل سىرتىدىكى كەسىپ كۆلىمى داۋاملىق تۆۋەنلىدى. بەزى خەۋپ-خەتەر ئامىللىرى تەرتىپلىك، ئۈنۈملۈك ھەل قىلىنىپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ چىرىندىلارنى تۈگىتىپ، مۇسكۇل ئۆستۈرۈشىگە ياردەم بېرىلىۋاتىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ