مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى مەمۇرىي كېلىشىمنىڭ ئەدلىيەلىك ئىزاھاتىنى ئېلان قىلىپ، مەمۇرىي ئورگانلارنىڭ سىياسەت ۋەدىسىنى قەتئىي نەقلەشتۈرۈشىگە كاپالەتلىك قىلدى

2019.12.11 17:31 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «ھۆكۈمەت نۆۋەت ئالمىشىش، رەھبىرىي خادىملار ئالمىشىش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلى توختامغا خىلاپلىق قىلىپ، توختامنى بۇزۇپ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتكە دەخلى-تەرز قىلسا، قانۇنىي ۋە ئىقتىسادىي جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىش كېرەك. دۆلەت مەنپەئەتى، ئاممىۋى مەنپەئەت ياكى قانۇندا بېكىتىلگەن باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلى ھۆكۈمەتنىڭ بەرگەن ۋەدىسى ۋە توختامدىكى پۈتۈمنى ئۆزگەرتىشىگە توغرا كەلسە، كارخانا ۋە مەبلەغ سالغۇچىنىڭ بۇ سەۋەبلىك تارتقان زىيىنىغا قانۇن بويىچە تولۇقلىما بېرىلىدۇ».

  ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، مەمۇرىي كېلىشىم دېلوسىغا قاراپ چىقىشقا ئائىت بىرقانچە مەسىلە توغرىسىدىكى بەلگىلىمەنى ئېلان قىلدى. ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى مەمۇرىي سوت كوللېگىيەسىنىڭ باشلىقى خۇاڭ يۇڭۋېي ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: ئەدلىيەلىك ئىزاھات خەلق ئاممىسىنىڭ يەر، ئۆي ئېلىش، ئىشلىتىش، تولۇقلىما بېرىش قاتارلىق مەمۇرىي كېلىشىم دېلولىرىدىكى قانۇنلۇق ھوقۇق- مەنپەئەتىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، مەمۇرىي ئورگانلارنىڭ سىياسەت ۋەدىسىنى قاتتىق نەقلەشتۈرۈشىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ.

  بۇ ئەدلىيەلىك ئىزاھاتقا ئاساسەن، مەمۇرىي ئورگانلار مەمۇرىي باشقۇرۇش ياكى ئاممىۋى مۇلازىمەت نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلار بىلەن كېڭىشىپ تۈزىگەن، مەمۇرىي قانۇندىكى ھوقۇق– مەجبۇرىيەت مەزمۇنى بولغان كېلىشىم مەمۇرىي دەۋا قانۇنىدا بەلگىلەنگەن مەمۇرىي كېلىشىمگە تەۋە. پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلار يەر، ئۆي قاتارلىق ئېلىش-ئىشلىتىش تولۇقلىما كېلىشىمى، ھۆكۈمەت مەبلەغ سالغان كاپالەتلىك تۇرالغۇنى ئىجارىگە ئېلىش، ئېلىپ- سېتىش كېلىشىمى قاتارلىق ئالتە تۈرلۈك مەمۇرىي كېلىشىم توغرىسىدا قىلىنغان مەمۇرىي دەۋانى خەلق سوت مەھكىمىسى قانۇن بويىچە قوبۇل قىلىشى كېرەك.

  ئەدلىيەلىك ئىزاھاتتا يەنە مۇنۇلار بېكىتىلدى: مەمۇرىي كېلىشىم تۈزۈش، ئادا قىلىش، ئۆزگەرتىش، ئاخىرلاشتۇرۇش قاتارلىقلار سەۋەبلىك ماجىرا تۇغۇلسا، پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلار دەۋاگەر سۈپىتىدە مەمۇرىي ئورگانلارنى جاۋابكار قىلىپ مەمۇرىي دەۋا سۇنسا، خەلق سوت مەھكىمىسى قانۇن بويىچە قوبۇل قىلىشى كېرەك. خەلق سوت مەھكىمىسى مەمۇرىي كېلىشىم دېلوسىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن جاۋابكار كېلىشىم تۈزۈش، ئادا قىلىش، ئۆزگەرتىش، ئاخىرلاشتۇرۇش قاتارلىقلار توغرىسىدا قارشى ئەرز سۇنسا خەلق سوت مەھكىمىسى بۇنىڭغا رۇخسەت قىلمايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ