مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

2019- يىلى: ئۆركەشلەۋاتقان دېڭىز-ئوكياندا شىددەت بىلەن ئىلگىرىلەش

− يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلغانلىقى توغرىسىدا

2019.12.11 16:15 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  دۇنيا بويىچە ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ يۈزلىنىشى ھەر ۋاقىت دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتماقتا. 2019- يىلىدىكى جۇڭگو ئىقتىسادى تېخىمۇ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

  دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى خەۋپ-خەتەر ۋە خىرىسلار كۆرۈنەرلىك ئېشىۋاتقان مۇرەككەپ ۋەزىيەت ئالدىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يىراقنى كۆزلەپ، ئىلمىي تەدبىر بەلگىلەپ، يۇقىرى ماكرولۇق تەڭشەش-تىزگىنلەش سەنئىتى ئارقىلىق جۇڭگو ناملىق ئىقتىساد چوڭ پاراخوتىنى كونترول قىلىپ، دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلەپ، يىراققا يۈرۈش قىلىپ، ھەيۋەتلىك دېڭىزدا تېخىمۇ پارلاق، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يېڭى مۇساپىسىنى ئاچتى −−

  ماكرولۇق ئىقتىسادىي ھەرىكەت ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولدى، يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نىشانى ئاشۇرۇلۇپ ئورۇندالدى، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ئاچقۇچلۇق ئىلگىرىلەش بولدى؛ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە مۇھىم قەدەم تاشلاندى، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات داۋاملىق چوڭقۇرلاشتى، خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك بولدى... قىيىن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىشقا يۈزلەنگەن جۇڭگو ئىقتىسادى تېخىمۇ جۇشقۇن، ساغلام ئەمەلىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى.

  دۇنيادا يۈز يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ئاستىدا، بۇ شەرقتىكى چوڭ دۆلەت ئىشەنچ بىلەن بەرگەن جاۋاب: «كەلگۈسىگە نەزەر سالساق، جۇڭگونىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالى چەكسىز گۈزەل بولىدۇ».

  «دېڭىز يەنىلا شۇ يەردە»

  جۇڭگو ئىقتىسادى مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىپ، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشى مۇۋاپىق بولماقتا، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا يېڭى، زور ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلدى

  50.2% −− ئالتە ئاي ئۆتكەندىن كېيىن، جۇڭگونىڭ 11-ئايدىكى ياسىمىچىلىق كەسپىنىڭ سېتىۋېلىش دىرېكتورى كۆرسەتكۈچى (PMI) قايتىدىن كېڭەيدى؛

  ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ توك ئىشلىتىش مىقدارى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %4.4 ئاشتى. بۇنىڭ ئىچىدە، 3-كەسىپ ۋە ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇشتا ئىشلىتىدىغان توكى داۋاملىق بىر قەدەر تېز ئاشتى؛

  ئالدىنقى 10 ئايدا مەملىكەت بويىچە چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سالغان 33 مىڭ 407 كارخانا يېڭىدىن قۇرۇلدى؛ ئەمەلىي ئىشلىتىلگەن تاشقى مەبلەغ 752 مىليارد 410 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.6 ئاشتى.

  ھەتتا دۆلەت سىرتىدىكى «قارشى شامال» ھېلىھەم چىقىۋاتقان بولسىمۇ، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېلاستىكىلىقى ئىنتايىن يۇقىرى بولماقتا.

  2019-يىلى جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋەزىيىتى ئىنتايىن مۇرەككەپ، كەسكىن بولغان بىر يىل بولدى −−

  دۇنياغا نەزەر سالساق، خەلقئارادا بىر تەرەپلىمىلىك ۋە سودا قورۇقچىلىقى كۈچىيىپ، جۇغراپىيەلىك سىياسىي ئېنىقسىز ئامىللار كۆپىيىپ، دۇنيا ئىقتىساد-سودا ئېشىشىنىڭ ئاستىلاش ۋەزىيىتى روشەن بولۇپ، ئاساسلىق ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئومۇميۈزلۈك تۆۋەنلىدى، جۇڭگو-ئامېرىكا ئىقتىساد-سودا كېڭىشىشىنىڭ تۇرۇپ ياخشى، تۇرۇپ يامان بولۇشى تۆۋەن بولۇۋاتقان خەلقئارا ئىقتىساد-سودا مۇھىتىدا تۇمان پەيدا قىلدى. (بۇ يەرنى بېسىپ تولۇق تېكىستىنى كۆرۈڭ)

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ