مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئۈچ تارماق چاغاندىن بۇرۇن قىشلىق، ئەتىيازلىق ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش مەبلىغىنى ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىغا تارقىتىپ بېرىشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى

2019.12.11 15:39 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 10-دېكابىر جىددىي ئىشلارنى باشقۇرۇش مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىنىشىچە، جىددىي ئىشلارنى باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى شۇ كۈنى خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى بىلەن بىرلىكتە مەملىكەت بويىچە ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش خىزمىتى تېلېۋىزىيە- تېلېفون يىغىنى ئېچىپ، چاغاندىن بۇرۇن مەركەز ۋە يەرلىكتىكى ھەر دەرىجىلىك ئورۇنلار ئورۇنلاشتۇرغان ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش مەبلىغىنى ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىغا تارقىتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: جايلار ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، مەبلەغ سېلىنمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەرتىپ ئۆلچىمىنى چىڭىتىپ، ئىز قوغلاپ نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىشى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، جىددىي ئىشلارنى باشقۇرۇش تارماقلىرى بىلەن خەلق ئىشلىرى تارماقلىرىنىڭ خىزمەتلەرنى جىپسىلاشتۇرۇپ ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىنى تېخىمۇ ئومۇميۈزلۈك، تولۇق كاپالەتلەندۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ