مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى يېڭى بەلگىلىمە چىقاردى

دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ۋەكىللىك خاراكتېرلىك ۋارىسى چېكىنىپ چىقىش مېخانىزمى مۇكەممەللەشتۈرۈلدى

2019.12.11 15:38 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى ھۆكۈمەت تورى 10-دېكابىر ئورگان تورىدا «دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ۋەكىللىك ۋارىسلىرىنى بېكىتىش ۋە باشقۇرۇش چارىسى»نى ئېلان قىلدى. چارىدە، دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋەكىللىك ۋارىسلىرىنىڭ ۋارىسلىق پائالىيىتىنى تېخىمۇ ياخشى قانات يايدۇرۇشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىلدى ھەمدە دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋەكىللىك ۋارىسلىرىنىڭ چېكىنىپ چىقىش مېخانىزمى مۇكەممەللەشتۈرۈلدى.

  چارىدە مۇنۇلار بەلگىلەندى: دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ۋەكىللىك ۋارىسلىرىنى بېكىتىش ۋە باشقۇرۇشتا غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ داۋاملىشىش كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ۋارىسلىق قىلغۇچىنىڭ سۇبيېكتلىق ئورنى ۋە ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىپ، مەھەللە ۋە توپنىڭ ئېتىراپ قىلىش تۇيغۇسىغا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

  چارىدە كامالەتكە يېتىش دەرىجىسى، ۋەكىللىك خاراكتېرى ۋە ئىجتىمائىي تەسىر كۈچى، ۋارىسلىق قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش، سۈپەت جەھەتتىن تەربىيەلىنىش قاتارلىق جەھەتلەردە دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋەكىللىك ۋارىسلىرىنى بېكىتىش شەرتى توغرىسىدا تەپسىلىي بەلگىلىمە چىقىرىلدى؛ ئادەتتە ھەر بەش يىلدا بىر تۈركۈم دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋەكىللىك ۋارىسلىرىنى بېكىتىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ماتېرىيالنى قايتا تەكشۈرۈش، ئېھتىياجغا قاراپ نەق مەيداندا جاۋاب بېرىش، ئاممىنىڭ باشقىچە پىكرى قاتارلىق باھالاش تەرتىپى ۋە ھالقىلىرىنى كۆپەيتىش ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

  چارىدە مۇنۇلار بەلگىلەندى: دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ۋەكىللىك ۋارىسلىرى سادىق، قەتئىي، ئاددىي-ساددا بولۇپ، بۇرچ ۋە مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىش ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ۋارىسلىق قىلىش، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ۋارىسلىق قىلىش، تارقىتىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرغاندا توغرا تارىخ قارىشى، دۆلەت قارىشى، مىللەت قارىشى، مەدەنىيەت قارىشىدا چىڭ تۇرۇشى؛ ئۆلكە دەرىجىلىك مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مەسئۇل تارماقلىرى ئۆگىتىش پىلانىغا ئاساسەن، دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋەكىللىك ۋارىسلىرىنىڭ مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش ۋە ئۆگىتىش ياردەم خىراجىتىنى ئىشلىتىش ئەھۋالىنى باھالىشى، باھالاش نەتىجىسىنى دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋەكىللىك ۋارىسلىرىنىڭ سالاھىيىتى، ئۆگىتىش ياردەم پۇلى بېرىشنىڭ مۇھىم ئاساسى قىلىشى كېرەك.

  چارىدە يەنە دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋەكىللىك ۋارىسلىرىنىڭ چېكىنىپ چىقىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش بەلگىلەندى، دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋەكىللىك ۋارىسلىرىنىڭ سالاھىيىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشتىكى كونكرېت ئەھۋاللار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى؛ دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ۋەكىللىك ۋارىسلىرىنى باشقۇرۇش قېلىپلاشتۇرۇلۇپ، ئىنسانىي غەمخورلۇق كۈچەپ گەۋدىلەندۈرۈلدى.

  ئىگىلىنىشىچە، نۆۋەتتە مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى بەش تۈركۈمدە جەمئىي 3068 نەپەر دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسىنىڭ ۋەكىللىك ۋارىسلىرىنى بېكىتكەن. مەركەز مالىيەسى دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋەكىللىك ۋارىسلىرىنىڭ ھەر بىرىگە يىلىغا 20 مىڭ يۈەن ئۆگىتىش ياردەم پۇلى بېرىپ، دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋەكىللىك ۋارىسلىرىنىڭ ئۆگىتىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشىغا مەدەت بېرىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ