مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئېلىمىزدە كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 19 مىڭ 700 كارخانا تەسىس قىلىندى

سودا مۇھىتىنى ياخشىلاپ، يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئىگىلىك تىكلەش جانلىق بولدى

2019.12.11 14:59 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېڭى شىركەتنى تىزىمغا ئالدۇرغاندا، ئەگەر بىر مۇھىم پايچىك سىچۈەندە كاماندىروپكىغا چىقىپ كەتكەن بولسا، رەسمىيەت بېجىرىشكە دەخلى بولامدۇ؟ تۇڭتۇ خەلقئارا ساياھەت (بېيجىڭ) چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى خەن كې بىر نەچچە يىل ئىلگىرى تۇنجى قېتىم كارخانىنى تىزىمغا ئالدۇرۇش رەسمىيىتىنى بېجىرگەندىكى قىيىنچىلىقىنى ئېسىگە ئېلىپ، يەنىلا ئازراق ئەنسىرەپ مۇنداق دېدى: ئىلگىرىكى رەسمىيەتتە بىر پارچە قەغەزگە ئون نەچچە پايچىكنىڭ ئىمزا قويۇشى شەرت ئىكەنلىكى تەلەپ قىلىنغان، ھۆججەتلەرنى قايتا-قايتا ئەۋەتىپ يۈرۈپ، پەقەت مۇشۇ بىر تۈر ئۈچۈنلا شۇ يىلى بىر ئاي ۋاقىت كەتكەن ئىدى.

  ھازىر ئالاقىدار پايچىكلار «كارخانا تىزىملاش e كۆزنىكى» تور سۇپىسى ئارقىلىقلا يىراقتىن ئىمزا قويۇپ مۇئەييەنلەشتۈرسە بولىدۇ، رەسمىيەت بېجىرىشكە ئازراقمۇ دەخلى يەتمەيدۇ. بۇ يىل 10- ئاينىڭ 28- كۈنى، خەن كې بېيجىڭ شەھىرى دۇڭچېڭ رايونىدىكى يېڭى تىزىمغا ئالدۇرغان شىركەتكە كەلگەندە، ھەر قايسى پايچىكلار تېز ئىمزا قويۇپ، بىر سائەتكە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە ماتېرىياللار تەكشۈرۈشتىن ئۆتۈپ، شۇ كۈنى تىجارەت كىنىشكىسىنى ئالدى.

  بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى 10 ئېيىدا ئېلىمىزدە كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 19 مىڭ 700 كارخانا تەسىس قىلىندى. ئەگەر بۇنىڭغا يەنە يەككە سودا-سانائەتچىلەر ۋە دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپلىرى قوشۇلسا، بۇ، كۈنىگە يېڭىدىن 64 مىڭ 200 بازار سۇبيېكتى تەسىس قىلىندى، دېمەك. 10- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، مەملىكەت بويىچە ئەمەلىي مەۋجۇت بازار سۇبيېكتى 120 مىليوندىن ئاشتى.بازار سۇبيېكتى ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىدىكى «ھۈجەيرىسى»، «19 مىڭ 700 كارخانا» دېگەن بۇ سان زادى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟

  سانلارنىڭ كەينىدە يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئىگىلىك تىكلەشنىڭ ھاياتىي كۈچى مەۋجۇت.

  چارتال دەرىخى ئاستىدا، لىسۇ مىللىتىنىڭ توي مۇراسىمىنى بىۋاستە كۆرسىتىش 2 مىليوندىن ئارتۇق مەستانىنى جەلپ قىلدى. سىچۈەننىڭ پەنجىخۇا مىيى ناھىيەسىنىڭ ساۋچاڭ يېزىسىدىكى بۇ بىۋاستە كۆرسىتىش ۋىدېيوسى ئارقىلىق شۇ جايدىكى چارتاللارنىڭ تىنچ ئوكياننىڭ يەنە بىر تەرىپىدىكى كاناداغا سېتىلغانلىقى كىمنىڭمۇ خىيالىغا كەلسۇن دەيسىز؟ "بىزنىڭ بىۋاستە كۆرسىتىشىمىز بىر مېۋە ئېكىسپورت شىركىتىنى جەلپ قىلدى، شەھەرلىك دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ئىدارىسى قاتارلىق تارماقلارنىڭ قوللىشى بىلەن تۇنجى تۈركۈمدە بىر توننا چارتال ئېكىسپورت قىلىندى.

  شۇ جايدىكى يېڭىدىن ئېچىلغان ئېلېكتىرونلۇق سودا كارخانىسىنىڭ مەسئۇلى يۈەن يۇڭ مۇنداق دېدى: ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇسى چوڭ شەھەرلەردە ئەمەلگە ئاشىدۇ، يېزا ـ كەنتلەردىمۇ ئەمەلگە ئاشىدۇ.

  بۇ يىلدىن بۇيان، ئېلىمىز يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش مۇھىتىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش تەننەرخىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەتتى. گۇاڭدۇڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونىدا، گۇاڭجۇ پەنيۈدىكى «يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش بازىرى»دا ھەر يىلى 140 مىليون يۈەن ئىختىساسلىقلار مەخسۇس يۆلەش مەبلىغى سەپلەندى؛ بېيجىڭدا، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پەن-تېخنىكا باغچىسىدا، ئەلا سۈپەتلىك ئىگىلىك تىكلەش كارخانىلىرىغا قارىتا سۇ، توك ۋە تورلار ھەقسىز بولۇپلا قالماي، ئۇلارغا يەنە ئىجارە ھەققىدىمۇ ئېتىبار قىلىشقا بولىدۇ؛ شەنشىدە، ئۆلكە دەرىجىلىك يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش بازىلىرى 100 دىن ئاشتى. . . يېڭىدىن قۇرۇلغان كارخانىلار يامغۇردىن كېيىنكى بامبۇك نوتىلىرىدەك بەس-بەستە مەيدانغا كەلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ