مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ھەيۋەتلىك ۋە مەدەنىيەتلىك «نېلۇپەر مۇھاپىزەتچىسى»

− جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ئاۋمېنغا ئورۇنلاشقان 20 يىلدىن بۇيان سادىقلىق بىلەن بۇرچىنى ئادا قىلغانلىقى توغرىسىدا

2019.12.10 16:57 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  سەھەر سائەت 6دە، تاڭ ئەمدىلا سۈزۈلگەندە، تۇرۇشلۇق قىسىمنىڭ شىنكوۋئەن بىناسىدا بىر قىپقىزىل بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق دەل ۋاقتىدا كۆتۈرۈلدى. بۇ، ئۇدۇلدىكى ئاۋمېن يېرىم ئارىلىنىڭ ئېگىزلىكىدىكى دۇڭۋاڭياڭ مايىكى بىلەن ئۆزئارا ماسلاشتۇرۇلغانىدى.

  20 يىل ئىلگىرى، 400 نەچچە يىللىق ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشنى باشتىن كەچۈرگەن ئاۋمېن ۋەتەن قوينىغا قايتىپ، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى تەنتەنىلىك ھالدا ئاۋمېنغا ئورۇنلىشىپ، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ مۇداپىئە ئىشلىرى ۋە ئاۋمېننىڭ ئەبەدىي گۈللىنىشى، مۇقىملىقىنى قوغداشتەك تارىخىي مۇھىم ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئالدى.

  20 يىل ئۆركەشلەپ ئاقتى خاۋجياڭ دەرياسى، شامالدا جەۋلان قىلدى ئارمىيە بايرىقى. ئاۋمېندىن ئىبارەت ۋەتەننىڭ جەنۇبىي دېڭىز ساھىلىغا جايلاشقان پارقىراق مەرۋايىت مىسلىسىز جۇشقۇن ھاياتىي كۈچكە تولدى.

  بوران-چاپقۇن سادىقلىقنى تاۋلايدۇ. 20 يىلدىن بۇيان، بولۇپمۇ پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» فاڭجېنىنىڭ شاھىتى، ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكۈچىسى ۋە قوغدىغۇچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئاۋمېندا تۇرۇشلۇق قىسىم رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، خاۋجياڭ دەرياسى بويىدا جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، تىرىشىپ مۇداپىئە ئىشلىرىنى ئۈنۈملۈك ئادا قىلىدىغان سەرخىل قوشۇن بەرپا قىلىپ، ھەيۋەتلىك ۋە مەدەنىيەتلىك «نېلۇپەر مۇھاپىزەتچىسى» دەپ تەرىپلىنىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق پارتىيە ۋە خەلققە لاياقەتلىك جاۋاب قايتۇردى!

  باشتىن-ئاخىر بايرىقى روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىش، ئەسلىي مەقسەتنى ساقلاشنى باش ئورۇنغا قويۇش

  ___ ۋىجدانلىق «سادىق مۇھاپىزەتچى»

  كەچ كىرىشى بىلەن بۇ كەچ بولماس شەھەردە چىراغ نۇرلىرى چاقناپ، گازارما دەرۋازىسى ئالدىدا تۇرغان نۆۋەتچى قاراۋۇللارنىڭ يۈزىنى يورۇتتى.

  بۇ يەردە، مۇخبىر قىسىمدا تۇرغاندىكى ئالاھىدە مۇھىتنى ھەقىقىي ھېس قىلدى، «مەيدان قىمارخانىنىڭ، زال چېركاۋنىڭ، قاراۋۇلخانا رېستوراننىڭ ئۇدۇلىدا ئىدى». شىنكوۋئەن گازارما رايونى پۇجىڭ قاتارلىق 21 كۆڭۈل ئېچىش مەيدانىنىڭ يېنىدا بولۇپ، داڭزەي گازارما رايونىنىڭ چوڭ ئىشىكى ئاسىيادىكى ئەڭ چوڭ قىمارخانا ۋېنىتسىيەلىكلەر، يىنخې مېھمانسارىيىنىڭ ئۇدۇلىغا جايلاشقانىدى، ئەڭ يېقىن يېرى گازارما بىلەن بىر يوللا ئايرىلىپ تۇراتتى.

  ئاۋمېندەك بۇ ئالاھىدە مۇھىتتا ئورۇنلىشىپ مۇداپىئە تۇرغاندا ئېتىقادنى چىڭىتىپ، ئەستايىدىل بولۇش ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ئىنتايىن رېئال ئالاھىدە سىياسىي تەلەپتۇر. 20 يىلدىن بۇيان، تۇرۇشلۇق ئارمىيەنىڭ ھەر نۆۋەتلىك پارتكومى ئارمىيەنى سىياسىي ئارقىلىق قۇرۇشتا قەتئىي تەۋرەنمەسلىكتە چىڭ تۇرۇپ، بايرىقى روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، پارتىيەنىڭ قوماندانلىقىنى ئاڭلاشنى بىرىنچى ئۆلچەم قىلىپ، نەزەرىيە ئارقىلىق قوراللىنىشنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، تەربىيە ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرنىڭ پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش ئىدىيەۋى-سىياسىي ئاساسىنى پۇختىلىشىغا ياردەم بېرىپ، قىسىمنىڭ مۇتلەق سادىق، مۇتلەق پاك، مۇتلەق ئىشەنچلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، 20 يىلدىن بۇيان، تۇرۇشلۇق قىسىم ئىنقىلابىي ھەربىيلەر يادرولۇق قىممەت قارىشى يۈرۈشلۈك تەربىيەسى ۋە پارتىيە تارىخى، ئارمىيە تارىخى ئىنقىلابىي تارىخقا ۋارىسلىق قىلىش تەربىيەسىنى دائىملىق قانات يايدۇرۇپ، داۋاملىق سەرخىل پارتىيە دەرسىگە تەشكىللەپ، ئاممىۋى نەزەرىيەنى ئومۇملاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئارمىيە كۆرگەزمىخانىسى ۋە ليەندۈي شەرەپ ئۆيى قاتارلىق قىزىل بازىلارنى ياخشى قۇرۇپ ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئوفىتسېر- ئەسكەرلەرنىڭ سىياسىي سەزگۈرلۈكى ۋە پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى كۈچەپ ئۆستۈرگەن. (بۇ يەرنى بېسىپ تولۇق تېكىستىنى كۆرۈڭ)

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ