خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا ئامېرىكا پارلامېنتى ئاۋام پالاتاسى ئاتالمىش «2019-يىللىق ئۇيغۇرلار كىشىلىك ھوقۇقى سىياسىتى قانۇن لايىھەسى»نى ماقۇللىدى. بۇ قانۇن لايىھەسى جۇڭگو شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىغا قەستەن قارا چاپلاپ، جۇڭگونىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش تىرىشچانلىقىغا ھەدەپ قارا چاپلاپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش سىياسىتىگە يامان نىيەتتە ھۇجۇم قىلىپ، خەلقئارا قانۇن ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ ئاساسىي مىزانىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىپ، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلاشتى.
«خەلق گېزىتى»نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان خەلقئارادىكى زاتلار بەس- بەستە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكىنىڭ بۇ قانۇن لايىھەسى بىمەنە ۋە يولسىز بولۇپ، ئاق-قارىنى ئاستىن-ئۈستۈم قىلغان، ئامېرىكا ئالدى بىلەن ئۆزىدە ساقلىنىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ئۈستىدە ئويلىنىشى كېرەك.
قانۇن لايىھەسىدە جۇڭگوغا تۆھمەت قىلىندى ۋە ئارىلاشتى
ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى ماكسىمىلىئان كرانىڭ مۇخبىرغا ئېيتىشىچە، ئېنىقكى، شىنجاڭنىڭ ئىشلىرى جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا تەۋە بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ ئارىلىشىش ھوقۇقى يوق. ئامېرىكا پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ قىلمىشى پاكىتقا پۈتۈنلەي ھۆرمەت قىلماي، قوش ئۆلچەم قوللىنىش بولۇپ، بۇ ئارقىلىق جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنى توسۇشقا ئۇرۇنغان. بۇ قىلمىشى جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىگە زىيان يەتكۈزىدۇ، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ ئوبرازىغىمۇ زىيان يەتكۈزىدۇ.
فىرانسىيە زافىر ياۋروپا-ئاسىيا ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى، جۇغراپىيەلىك سىياسەتشۇناس بېي ۋېنجياڭ مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ قانۇن لايىھەسىدە ئېنىقلا جۇڭگوغا تۆھمەت قىلىنغان. ھەممىگە ئايانكى، جۇڭگو شىنجاڭ دىن ئەسەبىيلىكى ئىدىيەسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ئاممىنى كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلىدى. بۇ قانۇن لايىھەسى جۇڭگونىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى نەزەرگە ئالمىغان بولۇپ، ماھىيەتتە ھەر خىل بۆلگۈنچىلىك ۋە تېررورچى كۈچلەرنى قوللاشتىن ئىبارەت.
رۇسىيە موسكۋا داشۆسىنىڭ دوتسېنتى ئالېكساندېر نائۇموف مۇخبىرىمىزغا مۇنداق دېدى: ئامېرىكىنىڭ بۇ ھەرىكىتى ب د ت نىزامنامىسىگە خىلاپ، قاتتىق جازالىنىشى كېرەك. (بۇ يەرنى بېسىپ تولۇق تېكىستىنى كۆرۈڭ)
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى