گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىم تەرەققىيات ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى _ _ _

ھەر قانداق كۈچ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ ئالغا ئىلگىرىلەش قەدىمىنى توسۇپ قالالمايدۇ

2019.12.10 13:51 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 12- ئاينىڭ 9- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى شۈ خەيرۇڭ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز، شىنجاڭ قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، قەشقەر ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ ۋالىيسى پەرھات روزا قاتارلىقلارنى شىنجاڭنىڭ مۇقىم تەرەققىياتىغا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇرۇشىغا تەكلىپ قىلدى ھەمدە مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.

  شىنجاڭدا ئۇدا ئۈچ يىل زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرى يۈز بەرمىدى

  شۆھرەت زاكىر تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: پارتىيە 18ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتىنى قوللايدىغان بىر يۈرۈش ئالاھىدە سىياسەتلەرنى تۈزدى، مەركەز مالىيەسى ھەر يىلى شىنجاڭغا 400 مىليارد يۈەنگە يېقىن مەبلەغنى يۆتكەپ چىقىم قىلدى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى 19 ئۆلكە-شەھەر شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىپ، شىنجاڭغا ھەر يىلى 15 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سالدى. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %8.5 ئاشتى، شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئايرىم-ئايرىم ھالدا %8.4 ۋە %8.2 ئاشتى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىپ، جەمئىيەت مۇقىم بولغان، ئىقتىساد تەرەققىي قىلغان، مىللەتلەر ئىتتىپاق، دىنلار ئىناق، خەلق تۇرمۇشى ياخشىلانغان ۋە خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان ياخشى ۋەزىيەت ياراتتى.

  ئۆتكەن بىر مەزگىلدە، شىنجاڭ تېررورلۇق ۋە ئەسەبىيلىكنىڭ زىيىنىغا ئېغىر ئۇچرىدى. تولۇقسىز مەلۇماتلارغا قارىغاندا، 1990- يىلىدىن 2016- يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، مىللىي بۆلگۈنچى كۈچلەر، دىنىي ئەسەبىي كۈچلەر ۋە زوراۋان-تېررورچى كۈچلەر شىنجاڭ رايونىدا نەچچە مىڭ قېتىم زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرى (ۋەقەلىرى)نى پىلانلاپ سادىر قىلىپ، نۇرغۇن بىگۇناھ ئاممىنى زىيانكەشلىككە ئۇچراتقان، نەچچە يۈز جامائەت خەۋپسىزلىكى ساقچىسى خىزمەت ئۈستىدە قۇربان بولغان، مال-مۈلۈك زىيىنىنىڭ ھېسابىنى مۆلچەرلىگىلى بولمايدۇ، بۇلار جەمئىيەت تەرتىپى، خىزمەت تەرتىپى، ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش تەرتىپىگە ئېغىر تەسىر يەتكۈزۈپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ياشاش ھوقۇقى، تەرەققىيات ھوقۇقى قاتارلىق ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقلىرىنى ئېغىر دەپسەندە قىلىپ، شىنجاڭ رايونىنىڭ ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ئېغىر توسالغۇ بولدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ