مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئېلىمىز ئالىملىرى دۇنيا بويىچە ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ماگنىت مەيدانى ئۇلترا ئۆتكۈزگۈچلۈك ماگنىتنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقتى

2019.12.06 14:39 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئېلېكترون تەتقىقات ئورنىنىڭ ۋاڭ چيۇلياڭ ئۆمىكى مەركىزىي ماگنىت مەيدانى 32.35 تېسلا (T) غا يېتىدىغان تولۇق ئۇلترا ئۆتكۈزگۈچلۈك ماگنىتنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقتى. بۇ ماگنىتقا ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ياسىغان يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ئىچكى قىستۇرما ماگنىت تېخنىكىسى قوللىنىلغان بولۇپ، 2017- يىلى 12- ئايدا ئامېرىكا دۆلەتلىك كۈچلۈك ماگنىت تەجرىبىخانىسى ياراتقان 32.0 تېسلا ئۇلترا ئۆتكۈزگۈچلۈك ماگنىت رېكورتى بۇزۇپ تاشلانغان، بۇ، ئېلىمىزنىڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ماگنىت مەيدانىدا قىستۇرۇلغان ماگنىت تېخنىكىسىنىڭ دۇنيانىڭ ئالدىنقى سەۋىيەسىگە يەتكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  بۇنىڭدىن ئىلگىرى، تۆۋەن تېمپېراتۇرىلىق ئۇلترا ئۆتكۈزگۈچ ماگنىت ھاسىل قىلغان ماگنىت مەيدانىنىڭ يۇقىرى چېكى 23.0 تېسلا ئەتراپىدا ئىدى. بۇ قېتىم، ۋاڭ چيۇلياڭ ئەتىرتى پۈتۈنلەي يېڭى ئۇلترا ئۆتكۈزگۈچلۈك كاتۇشكا ۋە تىرەك قۇرۇلمىسىنى لايىھەلەپ ۋە ياساپ، كاتۇشكا ئومۇمىي قۇرۇلۇشىنىڭ توك زىچلىقى ۋە قىسمەن بىخەتەرلىك موللۇقىنى ئاشۇردى ھەمدە ئوق يۆنىلىشىدىكى ئېلاستىك تىرەك قۇرۇلمىسى ۋە باغلاش قۇرۇلمىسىنى قوللىنىپ، سۇپېر ئۆتكۈزگۈچنىڭ قىسمەن تارتىلىش كۈچىنىشىنىڭ مەركەزلىشىشىگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈردى. بۇنىڭ بىلەن، ئىنتايىن يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق مەيدان ئىچىگە قىستۇرۇلغان ماگنىت بىخەتەرلىكىنىڭ موللۇقى ۋە كۈچىنىش بىخەتەرلىكىنىڭ موللۇقى زور دەرىجىدە ئاشتى. سىناق قىلىش ئارقىلىق، بۇ قېتىم ياسالغان ئىنتايىن يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ماگنىت مەيدانى ئۇلترا ئۆتكۈزگۈچلۈك ماگنىت سۇيۇق گېلىي شارائىتىدا 32.35 تېسلا مەركىزىي ماگنىت مەيدانى بارلىققا كەلگەن ھەمدە 32.35 تېسلا تولۇق ئۇلترا ئۆتكۈزگۈچلۈك ماگنىتتا مۇقىم ئايلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرغان، ئۇنىڭ ئاچقۇچلۇق تېخنىكا پارامېتىرى ئەمدى چېكىدىن ئاشقان شارائىتتىكى تەجرىبە ئەسلىھەسىنىڭ دۆلەتنىڭ زور پەن-تېخنىكا ئاساسىنى يولغا قويۇش تۈرىنىڭ ئىنتايىن كۈچلۈك ماگنىت مەيدانىغا بولغان تېخنىكا تەلىپىگە يەتكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ