مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش مىللەتلەر ۋە دىن كومىتېتى ئامېرىكىنىڭ شىنجاڭنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلىشىش قىلمىشىنى قاتتىق ئەيىبلىدى

2019.12.06 14:34 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12- ئاينىڭ 5- كۈنى چۈشتىن كېيىن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش مىللەتلەر ۋە دىن ئىشلىرى كومىتېتى ئەزالار سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، ئامېرىكا پارلامېنتى ئاۋام پالاتاسىنىڭ «2019-يىللىق ئۇيغۇرلار كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى»نى ماقۇللىغانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلىدى. مىللەتلەر ۋە دىن ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ 15 ئەزاسى، ئاز سانلىق مىللەتلەر ساھەسىدىكى ئەزالار ۋە بۇددا دىنى، تويىن دىنى، ئىسلام دىنى، كاتولىك دىنى ۋە خىرىستىيان دىنى مەملىكەتلىك تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى سۆز قىلىپ، يالغان-ياۋىداق سەپسەتىلەرگە رەددىيە بېرىپ، ھەقىقىي ئەھۋالنى ئايدىڭلاشتۇردى.

  ئەزالار مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئامېرىكا جۇڭگونىڭ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش ۋە تېررورلۇققا زەربە بېرىش تىرىشچانلىقىغا ھەدەپ قارا سۈركىدى، ھەمدە تۈرلۈك بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرى، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى، مىللىي بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرى، دىن ئەسەبىيلىكى ھەرىكەتلىرىگە ئاشكارا مەدەت بەردى. جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىپ، ئەخلاق ۋە ھەققانىيەتنىڭ تۆۋەن چېكىنى ئاشكارا دەپسەندە قىلىدىغان بۇ خىل قىلمىش زومىگەرلىكنىڭ رەزىل ئويۇنىدۇر.

  ئەزالار مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى قوغداش كىشىلەر قەلبىنىڭ مايىللىقى. ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش ۋە تېررورلۇققا زەربە بېرىش ئارقىلىق، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا توسقۇنلۇق قىلىدىغان زەھەرلىك ئۆسمىنى تازىلىدى. بۇنىڭ بەدىلىگە شىنجاڭدىكى ئىناقلىق ۋە ئۇنىڭ ساغلام تەرەققىياتى قولغا كەلتۈرۈلدى، ھەمدە ئۇ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ سەمىمىي ئارزۇسى بولۇپ قالدى. بۇ نۇقتىنى شىنجاڭنى چىن كۆڭلىدىن قىزغىن سۆيىدىغان، ھەر مىللەت خەلقىنى قىزغىن سۆيىدىغان كىشىلەر چوڭقۇر ھېس قىلالايدۇ، ساۋاتلىق كىشىلەرمۇ ئېنىق پەرق ئېتەلەيدۇ.

  ئەزالار مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلىشىشقا قەتئىي تۈردە تەۋرەنمەي يېتەكلەپ، قانۇنلۇقلىرىنى قوغداش، قانۇنسىزلىرىنى توسۇش، ئەسەبىيلىكنى توسۇش، سىڭىپ كىرىش ۋە جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە قارشى تۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ دىننى نىقاب قىلىپ ئەسەبىيلىكنى تارقىتىدىغان، زوراۋانلىق ۋە تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە قۇترىتىدىغان جىنايەتلەرگە قارىتا قەتئىي ۋە كەسكىن تەدبىر قوللىنىشىنى قوللاپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداشقا پائال يېتەكلەپ، ئۇلارنى دۆلەتنىڭ ئالىي مەنپەئىتى ۋە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئومۇمىي مەنپەئىتىگە بويسۇنىدىغان ۋە ئۇنىڭغا مۇلازىمەت قىلىدىغان قىلىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ