مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

بەش تارماق: يېزا مەكتەپ ئاشخانىلىرىنى سىرتقا ھۆددىگە بېرىشكە ياكى ھاۋالە قىلىپ تىجارەت قىلىشقا بولمايدۇ

2019.12.05 13:30 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مائارىپ مىنىستىرلىقى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا، مائارىپ مىنىستىرلىقى، دۆلەت تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتى، مالىيە مىنىستىرلىقى، دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى ۋە بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى بىرلىكتە «يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوزۇقلۇقىنى ياخشىلاش پىلانىغا ئالاقىدار باشقۇرۇش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش»نى ئېلان قىلدى.

  «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: جايلاردىكى مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى سەھىيە، ساغلاملىق، بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش قاتارلىق تارماقلار بىلەن بىرلىكتە، مەكتەپ ئاشخانا قۇرۇلۇشىنىڭ ئۆلچىمى ۋە تاماق سايمانلىرىنى سەپلەش ئۆلچىمىنى بېكىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاشخانا ئورنىنى تاللاش ۋە قۇرۇش تەلىپىنى چىڭىتىپ، ئاشخانا ئىقتىدارىنى رايونلارغا ئايرىشنى مۇۋاپىق پىلانلاپ، پىششىقلاپ ئىشلەش مەشغۇلات سورۇنلىرىنىڭ تەسىس قىلىنىشىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، تاماق سايمانلىرىنىڭ تۈرى، سانى ۋە سۈپىتى قاتارلىقلارنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، يېمەك-ئىچمەك مۇلازىمىتى ئىجازىتى تەلىپىنى قاندۇرۇشى كېرەك. ئالاقىدار تۈرلەر ۋە مەبلەغلەرنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، ئۇنى بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى بىلەن ياخشى ماسلاشتۇرۇپ، يېمەك-ئىچمەك مۇلازىمىتى ئىجازىتى تەلىپى بويىچە، مەكتەپ ئاشخانا قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئەسلىھە-ئۈسكۈنىلەرنى سەپلەپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاماق يېيىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، ئاشخانىنىڭ تاماق بىلەن تەمىنلەش نىسبىتىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش كېرەك. رايۇننىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئۆلكە دەرىجىلىك بىرتۇتاش پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، «ئۈچ ۋىلايەت، ئۈچ ئوبلاست» قاتارلىق نامرات رايونلارنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. تاماق يېگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى بىلەن بولغان نىسبىتىنىڭ 1 : 100دىن تۆۋەن بولمىغان نىسبەت بويىچە ئاشخانا كەسىپكارلىرىنى سەپلەش ھەمدە ئۇلارنىڭ تەمىناتى ۋە كەسپىي جەھەتتىن تەربىيەلەش قاتارلىق مەسىلىلەرنى مۇۋاپىق ھەل قىلىش كېرەك. كەسىپكارلىرى يېتىشمىسە، ئالدى بىلەن ئارتۇق ئوقۇتقۇچىلاردىن ئىش ئورنىنى ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتىش كېرەك، جامائەت پاراۋانلىق ئىش ئورنى سېتىۋېلىش ۋە ئەمگەك كۈچى ئەۋەتىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، جەمئىيەتتىن شەرتكە ماس كېلىدىغان خادىملارنى ئاشكارا تەكلىپ قىلىپ ئىشلەتسىمۇ بولىدۇ. مەكتەپ ئاشخانىسىنىڭ «جامائەت پاراۋانلىقى خاراكتېرىدە بولۇش ۋە پايدا ئالماسلىق» پرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك، مەكتەپ ئۆزى قۇرۇپ ئۆزى باشقۇرۇش كېرەك، سىرتقا ھۆددىگە بېرىشكە ياكى ھاۋالە قىلىپ تىجارەت قىلىشقا يول قويماسلىق كېرەك.

  «ئۇقتۇرۇش»تا يەنە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: جايلار يەرلىك كادىرلارنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى تەۋەلىك بويىچە باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىپ، ئوزۇقلۇق ياخشىلاش پىلانى، يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش خىزمەت مېخانىزمى، نازارەت قىلىپ باھالاش، جىددىي بىر تەرەپ قىلىش ۋە جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش قاتارلىق تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك. تاماق بىلەن تەمىنلەش ئىجازىتى تۈزۈمى ۋە چېكىنىپ چىقىش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، يېمەكلىك ۋە ئەسلىدىكى قوشۇمچە ماتېرىياللارنى سېتىۋېلىش ۋە يېمەكلىك سېتىۋېلىش كىنىشكىسى ئېلىش، بېلەت ئېلىش، مال كىرگۈزۈشتە تەكشۈرۈش، تەمىنلىگۈچىنى باھالاش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېمەكلىك سېتىۋېلىش، ساقلاش، پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىق ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى كونترول قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ