مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى تاشقى ئىشلار كومىتېتى ئامېرىكا پارلامېنتى ئاۋام پالاتاسىنىڭ «2019-يىللىق ئۇيغۇرلار كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى»نى ماقۇللىغانلىقىغا قارىتا بايانات ئېلان قىلدى

2019.12.05 13:19 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى تاشقى ئىشلار كومىتېتى 12- ئاينىڭ 4- كۈنى ئامېرىكا پارلامېنتى ئاۋام پالاتاسىنىڭ «2019-يىللىق ئۇيغۇرلار كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى»نى ماقۇللىغانلىقىغا قارىتا بايانات ئېلان قىلدى. باياناتتا تۆۋەندىكىلەر دېيىلدى:

  شۇ جاي ۋاقتى 12- ئاينىڭ 3- كۈنى، ئامېرىكا پارلامېنتىنىڭ ئاۋام پالاتاسى «2019-يىللىق ئۇيغۇرلار كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى» ئارقىلىق، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى توغرىسىدا جۇڭگوغا زەھەرخەندىلىك بىلەن ھۇجۇم قىلىپ، جۇڭگونىڭ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش ۋە تېررورلۇققا زەربە بېرىش تىرىشچانلىقىغا قارا چاپلاپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش سىياسىتىنى سەۋەبسىز ئەيىبلىدى، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشتى. بىز بۇنىڭغا قاتتىق غەزەپلەندۇق ۋە قەتئىي قارشى تۇردۇق.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا كەسپىي ماھارەت تەلىم-تەربىيە مەركىزىنىڭ تەسىس قىلىنىشى ۋە كەسپىي ماھارەت تەلىم-تەربىيە خىزمىتىنىڭ قانات يايدۇرۇلۇشىدا، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىك قانۇنى، جىنايى ئىشلار قانۇنى، جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى، تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش قانۇنى ۋە دىن ئىشلىرى نىزامى، شۇنىڭدەك «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش قانۇنى›نى يولغا قويۇش چارىسى»، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش نىزامى» قاتارلىق قانۇن-نىزاملارغا ئاساسلىنىلغان. شىنجاڭ تەربىيەلەش مەركىزىنىڭ تەسىس قىلىنىشى ۋە يولغا قويۇلۇشىدىكى مەقسەت تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنىڭ پەيدا بولىدىغان ۋە يامرايدىغان تۇپراق ۋە شارائىتنى تۈگىتىپ، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنىڭ كۆپ يۈز بېرىشىنى ۋە كۆپ يۈز بېرىش ۋەزىيىتىنى ئۈنۈملۈك توسۇپ، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ھاياتلىق ھوقۇقى، ساغلاملىق ھوقۇقى ۋە تەرەققىيات ھوقۇقىغا ئەڭ زور دەرىجىدە كاپالەتلىك قىلىشتىن ئىبارەت. بۇ، كەڭ خەلقنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى ئەڭ ياخشى قوغدىغانلىق، شۇنداقلا خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىشلىرىغا زور تۆھپە قوشقانلىقتۇر.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ