مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى ئامېرىكا پارلامېنتى ئاۋام پالاتاسىنىڭ «2019-يىللىق ئۇيغۇرلار كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى»نى ماقۇللىغانلىقىغا كۈچلۈك قارشى تۇردى

2019.12.05 13:16 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شۇ جاي ۋاقتى 12-ئاينىڭ 3-كۈنى ئامېرىكا پارلامېنتىنىڭ ئاۋام پالاتاسى جۇڭگونىڭ كۈچلۈك قارشى تۇرۇشى ۋە كەسكىن سۆزلىشىشىگە قارىماي، «2019-يىللىق ئۇيغۇرلار كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى»نى جاھىللىق بىلەن ماقۇللىدى. بۇ جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلاشقانلىق ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئاساسىي مىزانىنى ئاشكارا دەپسەندە قىلغانلىقتۇر. بۇ «قانۇن لايىھەسى»دە پاكىتقا پىسەنت قىلىنماي، ئاق قارا ئاستىن-ئۈستۈن قىلىنغان، جۇڭگونىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش سىياسىتىگە بىرتەرەپلىمە قاراشتا بولۇپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرى يوققا چىقىرىلغان، ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ھەقىقىي ھېسسياتىغا كۆز يۇمۇلغان بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن، ئامېرىكىنىڭ قىلچە تۆۋەن چېكى يوق قوش ئۆلچىمى ۋە ساختا رەزىل زومىگەرلىك لوگىكىسى يەنە بىر قېتىم ئاشكارىلاندى. دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ ۋە ئۇنى كۈچلۈك ئەيىبلەيدۇ.

  شىنجاڭ ئەزەلدىن جۇڭگو زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى، شىنجاڭنىڭ ئىشلىرى پۈتۈنلەي ئېلىمىزنىڭ ئىچكى ئىشى، ھەرقانداق تاشقى كۈچلەرنىڭ ئارىلىشىشىغا ھەرگىز يول قويۇلمايدۇ. ئۇزۇندىن بېرى، ئامېرىكىدىكى بەزى سىياسەتۋازلار «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ شىنجاڭدا پەيدا قىلغان زوراۋانلىقىنى كۆرمەسكە سالدى، زوراۋانلىق، تېررورلۇق تەھدىتىگە ئۇچرىغان شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكىگە قىلچە كۆڭۈل بۆلمىدى. بۈگۈنكى كۈندە، «كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى» ئارقىلىق «ئۈچ خىل كۈچ»كە يانتاياق بولۇشقا ئۇرۇندى. بۇنىڭ بىلەن، ئامېرىكىدىكى بەزى سىياسەتۋازلار ۋە جۇڭگوغا قارشى كۈچلەرنىڭ ئاتالمىش «شىنجاڭ مەسىلىسى»دىن پايدىلىنىپ دۆلىتىمىزنى توسۇشقا ۋە پارچىلاشقا ئۇرۇنۇشتەك رەزىل نىيىتى تولۇق ئاشكارىلاندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ