خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش تاشقى ئىشلار كومىتېتى 12-ئاينىڭ 4-كۈنى ئامېرىكا پارلامېنتى ئاۋام پالاتاسىنىڭ «2019-يىللىق ئۇيغۇرلار كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى»نى ماقۇللىغانلىقىغا قارىتا بايانات ئېلان قىلدى. باياناتتا تۆۋەندىكىلەر دېيىلدى:
شۇ جاي ۋاقتى 12-ئاينىڭ 3-كۈنى، ئامېرىكا پارلامېنتىنىڭ ئاۋام پالاتاسى جۇڭگونىڭ قەتئىي قارشى تۇرۇشىغا قارىماي، «2019-يىللىق ئۇيغۇرلار كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى»نى جاھىللىق بىلەن قاراپ چىقىپ ماقۇللاپ، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلاشتى، بۇنىڭ بىلەن خەلقئارا مۇناسىۋەت تۈپ مىزانىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلدى. جۇڭگو مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭىشى تاشقى ئىشلار كومىتېتى بۇنى قاتتىق ئەيىبلەيدۇ، بۇنىڭدىن قاتتىق غەزەپلىنىدۇ ھەم بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ.
شىنجاڭ بولسا، جۇڭگونىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشىنىڭ ئاساسلىق جەڭ مەيدانى. بىر مەزگىلدىن بۇيان، شىنجاڭ تېررورلۇق، دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ زىيىنىغا چوڭقۇر ئۇچرىدى، خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ئېغىر تەھدىتكە ئۇچرىدى. شىنجاڭ تەسىس قىلغان كەسپىي ماھارەت تەلىم-تەربىيە مەركىزى بولسا، كەسپىي ماھارەت جەھەتتىن تەربىيەلەش، يېتىشتۈرۈش مەكتىپى بولۇپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق، ئەسەبىي ئىدىيە تەرىپىدىن مېڭىسى يۇيۇلغان كىشىلەرنىڭ ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلۇپ، قانۇن ئېڭىنى ئۆستۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش ماھارىتىنى ئىگىلىشىگە ياردەم بېرىشنى مەقسەت قىلغان. شىنجاڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشتە ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك بىر يۈرۈش تەدبىرلەرنى قانۇن بويىچە قوللانغاندىن بۇيان، ئۇدا ئۈچ يىل بىر قېتىممۇ زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋەقەسى يۈز بەرمەي، گۈللەنگەن، مۇقىم، مىللەتلەر ئىتتىپاق، جەمئىيەت ئىناق بولغان ياخشى ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى. ئامېرىكىنىڭ بۇ قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىشى بولسا، تېررورلۇققا يەل بەرگەنلىك، يامانغا يانتاياق بولغانلىق، شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش نەتىجىسىنى ئىنكار قىلغانلىق ۋە ئۇنى يوققا چىقارغانلىق، خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەمكارلىقىغا ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىق قىلىشنى مەقسەت قىلغانلىق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ