مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

بېيجىڭدا پايتەخت پېداگوگىكا داشۆسى، بېيجىڭ كىنو شۆيۈەنى قاتارلىق شەھەرگە قاراشلىق 24 ئالىي مەكتەپنى كۆزىتىش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلدى

2019.12.05 13:08 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا، 12- نۆۋەتلىك بېيجىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ 8 گۇرۇپپىسى شەھەرگە قاراشلىق 24 ئالىي مەكتەپكە ئايرىم-ئايرىم كىرىپ، ئۇلارنى كۆزىتىش خىزمىتى سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئېچىپ، بۇ نۆۋەتلىك كۆزىتىشكە ئالاقىدار خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ، كۆزىتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن، بېيجىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ 8- نۆۋەتلىك كۆزىتىش خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك باشلانغان.

  بۇ نۆۋەتلىك كۆزىتىشتە، بېيجىڭ سانائەت داشۆسى، جۇڭگو تىياتىر شۆيۈەنى، بېيجىڭ ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا كەسپىي شۆيۈەنى، بېيجىڭ سانائەت داشۆسى، بېيجىڭ سانائەت كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنى، بېيجىڭ يېزا ئىگىلىك كەسپىي شۆيۈەنى، بېيجىڭ بىناكارلىق داشۆسى، بېيجىڭ باسمىچىلىق شۆيۈەنى، بېيجىڭ نېفىت خىمىيە سانائىتى داشۆسى، پايتەخت پېداگوگىكا داشۆسى، بېيجىڭ سودا-سانائەت داشۆسى، بېيجىڭ ئۇسسۇل شۆيۈەنى، پايتەخت تەنتەربىيە شۆيۈەنى، بېيجىڭ كىنو شۆيۈەنى، بېيجىڭ ئوچۇق داشۆسى، بېيجىڭ بىرلەشمە داشۆسى، بېيجىڭ كىيىم-كېچەك شۆيۈەنى، بېيجىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇش كەسپىي شۆيۈەنى، بېيجىڭ ئۇچۇر-تېخنىكا داشۆسى، بېيجىڭ يېزا ئىگىلىك شۆيۈەنى، جۇڭگو مۇزىكا شۆيۈەنى، بېيجىڭ 2- چەت ئەل تىلى شۆيۈەنى، بېيجىڭ ماددىي ئەشيا شۆيۈەنى، بېيجىڭ مالىيە-سودا كەسپىي شۆيۈەنى قاتارلىق شەھەرگە قاراشلىق 24 ئالىي مەكتەپنىڭ پارتكومىغا بولغان كۆزىتىشنى قانات يايدۇردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ