مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خەلقئارا ئۆلچەپ باھالاشتا كۆرسىتىلىشىچە −

جۇڭگولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ كىتاب ئوقۇش، ماتېماتىكا ۋە ئىلىم-پەن جەھەتتىكى ئىپادىسى ئەلا ئىكەن

2019.12.04 17:06 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتى 12-ئاينىڭ 3-كۈنى ئېلان قىلغان 15 ياشلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ كىتاب ئوقۇش، ماتېماتىكا ۋە ئىلىم-پەن جەھەتلەردىكى ئىپادىسىنى خەلقئارالىق ئۆلچەپ باھالاش دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئۆلچەپ باھالاشقا قاتناشقان 79 دۆلەت ۋە رايوندىكى 600 مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى ئىچىدە، جۇڭگونىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدىكى ئوقۇغۇچىلار 1-قاتاردا تۇرغان، سىنگاپور، جۇڭگو ئاۋمېن ۋە جۇڭگو شياڭگاڭ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىپادىسى ئۇنىڭ ئارقىسىدىلا تۇرغان.

  بۇ، ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتى خەلقئارا ئوقۇغۇچىلارنى باھالاش تۈرى (PISA)نىڭ 2018-يىللىق چوڭ تىپتىكى مائارىپ سىنىقىنىڭ بىر قىسمى. بېيجىڭ، شاڭخەي، جياڭسۇ ۋە جېجياڭ تۆت ئۆلكە، شەھەردىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلار جۇڭگونىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىگە ۋاكالىتەن ئۆلچەپ باھالاشقا قاتناشقان. ئۆلچەپ باھالاش دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، كىتاب ئوقۇش، ماتېماتىكا، ئىلىم-پەن سىنىقىدا جۇڭگو ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ نومۇرى باشقا دۆلەت ۋە رايونلارنىڭكىدىن يۇقىرى بولغان.

  دوكلاتتا بايقىلىشىچە، رەقەم تېخنىكىسى خېلى زور دەرىجىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرستىن سىرتقى تۇرمۇشىنى ئۆزگەرتكەن. 2009-يىلى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، كىتاب ئوقۇشنى ياخشى كۆرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ نىسبىتى تۆۋەنلىگەن، ئوقۇغۇچىلار تېخىمۇ كۆپ ۋاقىتنى تورغا چىقىشقا سەرپ قىلغان. دوكلاتتا يەنە كۆرسىتىلىشىچە، قىزلارنىڭ ئوتتۇرىچە كىتاب ئوقۇش ئىقتىدارى ئوغۇللارنىڭكىدىن روشەن ئۈستۈن تۇرىدىكەن. ماتېماتىكا جەھەتتە، ئوغۇللارنىڭ ئومۇمىي ئىپادىسى قىزلارنىڭكىدىن ياخشى بولسىمۇ، لېكىن ئىلىم-پەن جەھەتتە ئوغۇللار قىزلارغا يەتمەيدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ