مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە ئورمانچىلىق كەسپىنىڭ ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 5 تىرىليون يۈەندىن ئاشتى

2019.12.04 17:05 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ دۆلەت ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى ئۆتكۈزگەن 4-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئورمانچىلىق كەسپى يىغىنىدىن ئۇقۇشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسىلىدە دۆلىتىمىز ئورمانچىلىق كەسپىنىڭ ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى 5 تىرىليون 130 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.3 ئاشقان.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلىتىمىز بىر قاتار تەدبىرلەرنى قوللىنىپ بايلىق يېتىشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئورمانچىلىق كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، ئورمانچىلىق كەسپىدە كۆلىمى ئۈزلۈكسىز كېڭىيىش، تەرەققىيات سۈپىتى كۆرۈنەرلىك ئۆسۈش، كەسىپ يېڭى ھالىتىنىڭ تەرەققىيات سۈرئىتى ياخشى بولۇشتەك ۋەزىيەت شەكىللەندۈردى. 2018-يىلى، دۆلىتىمىز ئورمانچىلىق كەسپىنىڭ ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 7 تىرىليون 630 مىليارد يۈەنگە يەتتى. ھازىر، دۆلىتىمىز ئورماننى ھېس قىلىش، ئورماندا كۈتۈنۈش دۆلەت بازىسىدىن 100نى ۋە دۆلەت ئورمان پىيادىلەر يولىدىن 12نى قۇرۇپ، ئېكولوگىيە ساياھىتى جەلپ قىلغان ئىجتىمائىي مەبلەغ ئومۇمىي سوممىسى 140 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، مەملىكەت بويىچە ئورمانچىلىق كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار 50 مىليوندىن ئاشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ