مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دۆلىتىمىز دۇنيا بويىچە ئەڭ زامانىۋى تۆمۈريول تورى قۇرۇپ چىقتى

2019.12.04 17:04 مەنبە: خەلق تورى

  «دۆلىتىمىز دۇنيا بويىچە ئەڭ زامانىۋى تۆمۈريول تورى قۇرۇپ چىقتى». 11- ئاينىڭ 21-كۈنىدىن 22-كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلگەن جۇڭگو دۆلەت تۆمۈريول گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «دۆلەت تۆمۈريول گۇرۇھى» دېيىلىدۇ) پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش يىغىنىدا، دۆلەت تۆمۈريول گۇرۇھىنىڭ باش دىرېكتورى لۇ دۇڭفۇ بۇ يىل يىل ئاخىرىغىچە مەملىكەت بويىچە تۆمۈريول تىجارەت مۇساپىسىنىڭ 139 مىڭ كىلومېتىردىن ئېشىپ، بۇنىڭ ئىچىدە تېز سۈرئەتلىك تۆمۈريولنىڭ 35 مىڭ كىلومېتىرغا يېتىپ، دۇنيا بويىچە 1- ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

  زامانىۋى تۆمۈريول تورىنىڭ قۇرۇلۇشىنى تۆمۈريول پەن-تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىشتا قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇھىم، زور ئىلگىرىلەشلەردىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. «پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، جۇڭگو تۆمۈريولى باشتىن-ئاخىر ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، ئاچقۇچلۇق تېخنىكىلاردا ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ۋە كەسىپلەشتۈرۈپ قوللىنىشنى كۈچەپ ئالغا سىلجىتىپ، بىر تۈركۈم مۇھىم، زور پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرى بەس- بەستە مەيدانغا كېلىپ، بىر قىسىم نۇقتىلىق ساھەلەر باشلامچى باسقۇچقا كىرىپ، جۇڭگو تۆمۈريول قۇرۇلۇشى تەرەققىياتىدا تارىخىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرەك بولدى»،- دېدى لۇ دۇڭفۇ،- ئېلىمىزنىڭ تېز سۈرئەتلىك تۆمۈريول، ئېغىر يۈك توشۇش تۆمۈريولى، ئېگىزلىك، سوغۇق جايلاردىكى تۆمۈريول تېخنىكىسى دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردىكى سەۋىيەگە يەتتى.

  تېز سۈرئەتلىك تۆمۈريول تېخنىكىسىغا قارايدىغان بولساق، پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، جۇڭگو تۆمۈريولى تۆمۈريول قۇرۇلۇشى ساھەسىدىكى بىر قاتار دۇنياۋى خاراكتېرلىك تېخنىكىلىق قىيىن مەسىلىلەردە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، سائەتلىك سۈرئىتى 200-250 كىلومېتىر، 300-350 كىلومېتىر كېلىدىغان ئوق پويىز گۇرۇپپىسى ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەپ، مۇرەككەپ يول تورى شارائىتىغا ماس كېلىدىغان، ئۇزۇن ئارىلىققا يۈرىدىغان تېز سۈرئەتلىك تۆمۈريول تىجارىتىنى باشقۇرۇش يۈرۈشلۈك تېخنىكىسىنى ئىجاد قىلىپ، ئوخشاش بولمىغان سۈرئەت دەرىجىسىنى قاپلىغان، پىشىپ يېتىلگەن، مۇكەممەل تېز سۈرئەتلىك تۆمۈريول تېخنىكا سىستېمىسى بەرپا قىلدى. بولۇپمۇ ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان، دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان گۈللىنىش ناملىق ئوق پويىز گۇرۇپپىسى، بېيجىڭ-شاڭخەي تېز سۈرئەتلىك تۆمۈريولى، بېيجىڭ-تيەنجىن شەھەرلەر ئارا تۆمۈريولىدا سائەتلىك سۈرئىتى 350 كىلومېتىر كېلىدىغان سودا تىجارىتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشقا ئاشۇرۇپ، دۇنيا تېز سۈرئەتلىك تۆمۈريول قۇرۇلۇشىدا يېڭى ئۈلگە تىكلىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ