مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

توققۇز ئالىي مەكتەپ ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش يەنخې ئىتتىپاقىنى قۇردى

2019.12.04 16:04 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو خەلق داشۆسى، بېيجىڭ تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى داشۆسى، جۇڭگو يېزا ئىگىلىك داشۆسى، بېيجىڭ چەت ئەل تىلى داشۆسى، مەركىزىي مۇزىكا شۆيۈەنى، مەركىزىي گۈزەل سەنئەت، مەركىزىي تىياتىر شۆيۈەنى، مەركىزىي مىللەتلەر داشۆسى، يەنئەن داشۆسى قاتارلىق يەنئەندە بارلىققا كەلگەن توققۇز ئالىي مەكتەپ يېقىندا يەنخې ئالىي مەكتەپلىرى ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش ئىتتىپاقى (يەنخې ئىتتىپاقى)نى قۇردى ھەمدە «يەنخې ئالىي مەكتەپلىرىدە ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش ئىتتىپاقى» خىتابنامىسىنى ئېلان قىلدى.

  خىتابنامىگە ئاساسەن توققۇز ئالىي مەكتەپ ئادەم تەربىيەلەش بىرىكمە كۈچىنى توپلاپ، ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش جەھەتتە ماسلىشىپ ھەمكارلىشىپ، ئۈستۈنلۈكتىن ئۆزئارا پايدىلىنىپ ئوقۇتۇش سىستېمىسى بەرپا قىلىش، مائارىپ ئوقۇتۇش مەزمۇنىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى يېڭىلاش قاتارلىق جەھەتلەردە كۈچ چىقىرىپ، كۆپ مەكتەپ ھەمتۈرتكە بولىدىغان، ھەمكارلىشىپ ئادەم تەربىيەلەيدىغان يېڭى ئەندىزە شەكىللەندۈرۈش ئۈستىدە ئىزدىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىتتىپاق شەكلىدىكى ئالىي مەكتەپلەر ھەمكارلىق مېخانىزمى ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىپ، ئالىي مائارىپنىڭ يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ؛ دەرس سىستېمىسى، تەربىيەلەش مېخانىزمى، ئەمەلىيەت مەشىقى، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەر ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنىڭ ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پەن-مائارىپ بىرلەشتۈرۈلگەن، ئۆزئارا ئىلگىرى سۈرىدىغان ھەمكارلىشىپ يېڭىلىق يارىتىش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىدۇ؛ ئالىي مەكتەپلەرنىڭ پەن تەتقىقات ئىقتىدارىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىختىساسلىقلار ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى تېزلىتىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن تەتقىقات نەتىجىلىرىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تىرەك بولىدىغان يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ