سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىداردا يېڭى بۆسۈشنىڭ ھاسىل قىلىنىشى داۋالاش ۋە پۇل مۇئامىلە قاتارلىق ساھەلەرگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ- مىكروسوفت شىركىتىنىڭ يەر شارى ئىجرائىيە مۇئاۋىن باش دىرېكتورى شېن شياڭياڭنى زىيارەت

2019.12.04 15:10 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 14-نويابىر، ئامېرىكا ۋاشىنگتون ئىشتاتىنىڭ رېدموند شەھىرىدىكى مىكروسوفت شىركىتىنىڭ باش ئىشتابىدا، مىكروسوفت شىركىتىنىڭ يەر شارى ئىجرائىيە مۇئاۋىن باش دىرېكتورى شېن شياڭياڭ مۇخبىرنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.

  مىكروسوفت شىركىتىنىڭ يەر شارى ئىجرائىيە مۇئاۋىن باش دىرېكتورى شېن شياڭياڭ يېقىندا مۇخبىرنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كەلگۈسىدىكى سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ساھەسىدە قولغا كەلتۈرۈلىدىغان يېڭى بۆسۈشلەر داۋالاش، ساغلاملىق ۋە پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى قاتارلىق ساھەلەرگە چوڭقۇر، ھەتتا تۈپتىن ئۆزگەرتىش خاراكتېرلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنى تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە قوللىنىشتىمۇ قانۇن ۋە ئېتىكا قاتارلىق تېخنىكىلاردىن باشقا مەسىلىلەرنىمۇ ھەل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ