مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى شىڭ يۈننىڭ پارا ئېلىش دېلوسىغا 1-سوتتا ھۆكۈم ئېلان قىلىندى

2019.12.04 14:52 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2019-يىل 12-ئاينىڭ 3-كۈنى لياۋنىڭ ئۆلكىسى داليەن شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى شىڭ يۈننىڭ پارا ئېلىش دېلوسىغا ئاشكارا ھۆكۈم چىقىرىپ، جاۋابكار شىڭ يۈنگە پارا ئېلىش جىنايىتىگە ئۆلۈم جازاسى بېرىپ ئىككى يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىش، سىياسىي ھوقۇقىدىن ئۆمۈرۋايەت مەھرۇم قىلىش جازاسى بەردى ھەمدە ئۇنىڭ بارلىق شەخسىي مال-مۈلكىنى مۇسادىرە قىلدى، ئۇنىڭ ئۆلۈم جازاسىنى ئىككى يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىش مۇددىتى توشۇپ قانۇن بويىچە مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا كېمەيتىلگەندىن كېيىن، ئۆمۈرۋايەت قامىلىدۇ، جازا كېمەيتىشكە، شەرتلىك قويۇپ بېرىشكە بولمايدۇ؛ شىڭ يۈننىڭ پارا ئېلىپ ئېرىشكەن قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى ۋە تۇغۇندىسى تاپشۇرغۇزۇلۇپ، دۆلەت خەزىنىسىگە تاپشۇرۇلىدۇ. شىڭ يۈن سوتنىڭ ئۆزىدە ھۆكۈمگە بويسۇنىدىغانلىقىنى، نارازىلىق ئەرزى بەرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  قاراپ چىقىش ئارقىلىق مۇنۇلار ئېنىقلاندى: 1996-يىلىدىن 2017-يىلىغىچە، جاۋابكار شىڭ يۈن ج ك پ ئىكجاۋ ئايمىقى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىكجاۋ ئايمىقى مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ باشلىقى، ج ك پ ئېكجاۋ ئايمىقى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ج ك پ ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، باۋتۇ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، ج ك پ ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، سىياسىي- قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەردىكى قولايلىقلاردىن پايدىلىنىپ، ئالاقىدار ئورۇن ۋە شەخسلەرنىڭ قۇرۇلۇشنى ھۆددىگە ئېلىش، ۋەزىپىسىنى تەڭشەش قاتارلىق ئىشلارغا ياردەم بېرىپ، بىۋاسىتە ياكى يېقىن تۇغقانلىرى ئارقىلىق باشقىلار بەرگەن خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا 449 مىليون يۈەندىن ئاشىدىغان مال-مۈلۈكنى قۇبۇل قىلغان.

  داليەن شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى مۇنداق دەپ قارىدى: جاۋابكار شىڭ يۈننىڭ قىلمىشىدىن پارا ئېلىش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە پارا ئېلىش سوممىسى پەۋقۇلئاددە كۆپ، جىنايى قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر، ئىجتىمائىي تەسىرى پەۋقۇلئاددە قەبىھ، دۆلەت ۋە خەلقنىڭ مەنپەئەتىگە پەۋقۇلئاددە زور زىيان يەتكۈزگەن، جىنايىتىگە ئاساسەن ئۆلۈم جازاسى بېرىش كېرەك. شىڭ يۈن كۆپ قېتىم نۇرغۇن كىشىنىڭ ۋەزىپىسىنى ئۆستۈرۈپ، تەڭشىگەن بولۇپ، قانۇن بويىچە قاتتىق جازالىنىشى كېرەك. جىنايىتى تەكشۈرۈلگەندىن كېيىن ئۇ جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلىپ، دېلو بېجىرگۈچى ئورگان تېخى ئىگىلىمىگەن مۇتلەق كۆپ قىسىم جىنايەت پاكىتلىرىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تاپشۇرغان؛ باشقىلارنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈش مەسىلىسىنى پاش قىلىپ، تەكشۈرگەندىن كېيىن راستلىقى ئېنىقلانغان، مۇھىم خىزمەت كۆرسىتىش ئىپادىسى بار؛ جىنايىتىنى تونۇپ توۋا قىلىپ، ئاكتىپ ھالدا زاڭ مالنى قايتۇرغان، زاڭ پۇل، زاڭ مالنىڭ ھەممىسى قايتۇرۇۋېلىنغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن ئەھۋالغا قاراپ يېنىكلىتىپ جازا بېرىلىدىغان ئەھۋاللار مەۋجۇد، قانۇن بويىچە يېنىك جازا بېرىلسە بولىدۇ، ئۇنىڭغا بېرىلگەن ئۆلۈم جازاسىنى دەرھال ئىجرا قىلماسلىققا بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، شىڭ يۈننىڭ جىنايەت پاكىتى ۋە جىنايى قىلمىشىغا ئاساسەن ئۆلۈم جازاسىنى ئىككى يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىش مۇددىتى توشۇپ قانۇن بويىچە مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا كېمەيتىلگەندىن كېيىن، ئۆمۈرۋايەت قاماش قارار قىلىندى، جازانى كېمەيتىشكە، شەرتلىك قويۇپ بېرىشكە بولمايدۇ. سوت يۇقىرىقى ھۆكۈمنى چىقاردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ