مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتى «ئارمىيەدىن دەم ئېلىشقا، پىنسىيەگە چىققان كادىرلار خىزمىتىنى كۈچەيتىش ھەققىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى

2019.12.03 16:26 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتى ۋە رەئىس شى جىنپىڭنىڭ دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان كادىرلار خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ھەل قىلغۇچ تەدبىر-يوليورۇقىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، يېڭى دەۋردە ئارمىيەدىن دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان كادىرلار خىزمىتىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، يېقىندا «يېڭى دەۋردە ئارمىيەدىن دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان كادىرلار خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى تارقاتتى.

  «پىكىر»دە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئارمىيىدىن دەم ئېلىشقا، پېنسىيىگە چىققان كادىرلار پارتىيە رەھبەرلىكىدىكى ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھات ئىشلىرى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى، ئۇلار پارتىيە، دۆلەت، ئارمىيەنىڭ قىممەتلىك بايلىقى، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ دۆلەتنى گۈللەندۈرۈشىدىكى مۇھىم بايلىقى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئارمىيەنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىشتىكى مۇھىم كۈچ. ئارمىيىدىن دەم ئېلىشقا، پېنسىيىگە چىققان كادىرلار خىزمىتى پارتىيە ۋە ئارمىيەنىڭ مۇھىم خىزمىتى بولۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتى ۋە رەئىس شى جىنپىڭنىڭ دەم ئېلىشقا، پېنسىيىگە چىققان كادىرلارغا كۆڭۈل بۆلۈش مۇھىم ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان.

  «پىكىر»دە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان كادىرلارنىڭ ئىدىيەۋى-سىياسىي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن مېڭىنى قوراللاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان كادىرلار جەھەتتىكى كۈچلۈك پارتىيە تەشكىلاتى بەرپا قىلىش كېرەك. دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان كادىرلارنى تەربىيەلەش، باشقۇرۇشنى قاتتىق ياخشى تۇتۇپ، دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان كادىرلارنىڭ ئەۋزەللىكى، رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش ۋە يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ