مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسى جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ مۇقىم تەرەققىياتىغا ياردەم بەردى»

2019.12.03 16:25 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  گەرچە ئېلىمىز ئىقتىسادى يەنىلا مۇرەككەپ مەزگىلنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن بازار بايلىقىنى تەقسىملەشنى سەرخىللاشتۇرۇش، ئارىلاشما مۈلۈكچىلىك ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، بولۇپمۇ كىرىم تەقسىمات ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق، سوتسىيالىزم بىلەن بازار ئىگىلىكىنى ئۆز ئارا بىرلەشتۈرۈشنىڭ تۈزۈم ئەۋزەللىكى بارغانسېرى مۇھىم رول ئويناپ، ئىقتىسادىمىزنى ئاشۇرۇشنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك مۇقىم تەرەققىياتىغا ياردەم بەردى.

  ئۇزۇندىن بۇيان، غەربتىكى ئاساسلىق ئىقتىسادشۇناسلار بازار ئىگىلىكىنىڭ ئاساسى-ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىغا بولغان خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىك، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك ئاساسىدا بازار ئىگىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىش مۇمكىن ئەمەس دەپ قاراپ كەلگەن. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىلدا، جۇڭگو ئۆزىنىڭ يولىدا قەتئىي مېڭىپ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكنى سۇبيېكت قىلىش ئاساسىدا، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنى ئورنىتىپ، دۇنيانى ھەيران قالدۇرغان جۇڭگو سۈرئىتىنى ياراتتى. بۇ-پارتىيەمىز جۇڭگو خەلقىنى يېتەكلەپ ياراتقان ئۇلۇغ ئىجادىيەت؛ ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنىڭ زور نەزەرىيە نەتىجىسى ھەم ئەمەلىي نەتىجىسى. پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنىدا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنى تېزدىن مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك؛ بازارنىڭ بايلىق تەقسىملەشتىكى ھەل قىلغۇچ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش، ھۆكۈمەتنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش لازىم. قانداق قىلغاندا كۆرۈنەر قول بىلەن كۆرۈنمەس قولنى ئۆز ئارا ماسلاشتۇرۇپ، ئورتاق ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ؟

  جۇڭگو ماكرو ئىقتىساد تەتقىقات يۇرتىنىڭ باشلىقى ۋاڭ چاڭلىن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۇنىڭ يادروسى-قويۇۋېتىش، يەنى بازار ئىجازىتىنى قويۇۋېتىش كېرەك. ئالدى بىلەن، مۇلازىمەتچىلىك بازىرىنى ھەقىقىي قويۇۋېتىش لازىم. مەسىلەن: مائارىپ، داۋالىنىش، كۈتۈنۈش، ئائىلە مۇلازىمىتى قاتارلىقلار. ھازىرقى ئەھۋال شۇكى، ئېھتىياج ناھايىتى جانلىق، ئەمما ئۈنۈملۈك تەمىنات يېتەرسىز. ئىككىنچىدىن، گۈللەنمە كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئىستراتېگىيەلىك گۈللەنمە كەسىپلەرنىڭ يادروسى-سىغدۇرۇشچان، ئېھتىياتچان نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ، قويۇۋېتىش بىلەن باشقۇرۇشنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىشتىن ئىبارەت، بىر تەرەپتىن قويۇۋېتىش، ئەمما بەك چىڭ تۇتۇۋالماسلىق كېرەك، ئەمەلىيەتتە، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، ئومۇمەن قويۇۋېتىلگەن بىر قەدەر كۆپ كەسىپلەرنىڭ رىقابەت كۈچى بىر قەدەر كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك تەمىناتى بىر قەدەر يېتەرلىك بولدى؛ بۇندىن باشقا، گۈللەنمە كەسىپلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، تېخىمۇ كۆپ سورۇن، تېخىمۇ كۆپ ئۈلگە كۆرسىتىشتە قوللىنىش بوشلۇقى يارىتىش ئارقىلىق، كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىغا قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئاتا قىلىش لازىم، مانا بۇ-ئېلىمىزنىڭ ناھايىتى زور ئەۋزەللىكى. ئۈچىنچىدىن، قالاق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىغا ئىگە بازارلارنى چېكىندۈرۈش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، قالاق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى قانۇنچىلىق بويىچە چېكىندۈرۈپ، ئەلالىرىنى سەرخىللاشتۇرۇپ، ناچارلىرىنى شاللاش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

  بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭگو ياسىمىچىلىقىنىڭ دەرىجىسى جۇڭگو ئەقلىي ياسىمىچىلىقىغا قاراپ ئۆسمەكتە، دۇنيا دائىرىسىدە، 5G تېخنىكىسى، يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول تېخنىكىسى ئىلغار سەۋىيەدە تۇرماقتا، قاتتىق سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان مەھسۇلاتلارنىڭ سۈپىتى، پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئەۋزەللىكى-بىزنىڭ قەددىمىزنى دۇنيادا تېخىمۇ تىك قىلدى. 4-ئومۇمىي يىغىندا، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش تۈزۈلمە مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ-پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتا ساقلىنىۋاتقان ئاجىز ھالقىلار ۋە چوڭقۇر قاتلاملىق مەسىلىلەر سەۋەبىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان، بۇلارنىڭ نۇرغۇنىنىڭ يىلتىزى-تۈزۈلمە مېخانىزمدا. تۈزۈلمە مېخانىزمدىن ئىبارەت مۇھىم مەسىلىنىڭ يادروسى نېمە؟ مۇھىم ھالقىسى نېمە؟

  ۋاڭ چاڭلىن مۇنداق دېدى: بۇنىڭ يادروسى-ئىسلاھات ئارقىلىق بىزنىڭ ئىختىساسلىقلىرىمىزنىڭ ئاكتىپلىقى ۋە ئىجادىي ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش، ئىختىساسلىقلار-بىرىنچى بايلىق، ئۇنىڭ ئۈستىگە، جۇڭگونىڭ ئادەم كۈچى ئىختىساسلىقلار بايلىقىمۇ ناھايىتى مول، جۇڭگولۇقلار يەنە بەك تىرىشچان، كەسىپنى بەك سۆيىدۇ، بىز پەقەت 900 مىليونغا يېقىن ئەمگەكچىنىڭ يوشۇرۇن كۈچى، ئىجادچانلىقى، ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتساقلا، جۇڭگونىڭ ئىقتىسادى ناھايىتى قۇدرەتلىك كۈچكە ئىگە بولىدۇ.

  جۇڭگونىڭ نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي ئەھۋالىغا قانداق قىلىپ توغرا باھا بېرىش كېرەك؟ ۋاڭ چاڭلىن مۇنداق دېدى: بىز %6 تىن %6.5 كىچە بولغان مۇۋاپىق ئارىلىقنى ساقلاۋاتىمىز، شەھەر-بازارلىرىمىزدا تەكشۈرۈلگەن ئىشسىزلىق نىسبىتىمۇ %5 ئەتراپىدا بولماقتا، بىز يەنە تارىختىكى بىر قەدەر ياخشى سەۋىيەدە تۇرۇۋاتىمىز، ئومۇمىي جەھەتتىن يەنىلا مۇقىملىق ئىچىدە ياخشىلاش، مۇقىملىق ئىچىدە ئىلگىرىلەش ھالىتىنى ساقلاۋاتىمىز.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ