مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

چەتئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلار جۇڭگو بازىرىنى داۋاملىق ياخشى كۆرمەكتە

2019.12.03 16:23 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  دۇنيا ئىقتىسادى يەنىلا بىر قەدەر چوڭ تۆۋەنلەش بېسىمىغا دۇچ كېلىۋاتقان ئەھۋالدا، جۇڭگو ئېچىۋېتىشنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، دۇنيا ئىقتىسادىغا يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشتى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تىجارەت-سودا مۇھىتىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاپ، تېخىمۇ كۆپ چەت ئەل مەبلىغىنى جۇڭگو بىلەن ھەمكارلىشىش ئارقىلىق تەڭ پايدا ئېلىشقا جەلپ قىلدى.

  بىر نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا ۋۇخەندە ئۆتكۈزۈلگەن 2019-يىللىق يەر شارى مال سېتىۋېلىش يىغىنى رۇسىيە، تاجىكىستان، سىنگاپور قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن سودىگەرلەرنى جەلپ قىلدى. رۇسىيەدىن كەلگەن ۋېيگىد خەنزۇ تىلىنى ناھايىتى راۋان سۆزلەيدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ يىل 8-ئايدا جۇڭگودا بىر سېتىۋېلىش سۇپىسى شىركىتىنى رويخەتكە ئالدۇردۇم، ئىككى ئايغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە، 2000 دىن ئارتۇق جۇڭگو كارخانىسى سۇپا ئەزاسى بولدى.

  رۇسىيەلىك سودىگەرلەر جۇڭگو بازىرىنى نىشانلاپلا قالماستىن، ئامېرىكا تەمىنلەش باشقۇرۇش جەمئىيىتى بىلەن جۇڭگو ئەشيا ئوبوروتى ۋە سېتىۋېلىش بىرلەشمىسى يېقىندا ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاپ، جۇڭگو ھەمكارلىقىدا تەمىنلەش زەنجىرىدىكى باشقۇرۇش ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرمەكچى بولدى. ئامېرىكا تەمىنلەشنى باشقۇرۇش جەمئىيىتى سېتىۋېلىش دىرېكتور كۆرسەتكۈچىنى ئىستاتىستىكا قىلىش ئورگىنى بولۇش سۈپىتى بىلەن جۇڭگو ئىقتىسادىغا ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كەلمەكتە.

  يەر شارى سودا ھەرىكىتى تۆۋەنلەۋاتقان ئارقا كۆرۈنۈشتە، جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش نۇرغۇن چەتئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئورتاق تونۇشىغا ئايلاندى. يەر شارىدىكى ئەڭ چوڭ يۈك ساندۇق سۇ تىرانسپورتى گۇرۇھىنىڭ بىرى بولغان مارىسكى يېقىندا نىڭبۇدا مەبلەغ سېلىپ خەلقئارا ئەشيا ئوبوروت مەركىزى قۇردى، قۇرۇلىۋاتقان مېيشەن بىرىنچى باسقۇچلۇق ئىسكىلات مارسكىينىڭ يەر شارىدىكى تۇنجى ئاپتوماتىك ئىسكىلاتى.

  چەتئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلار ئارقا-ئارقىدىن جۇڭگوغا كىردى، بۇنى جۇڭگونىڭ تىجارەت-سودا مۇھىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىشىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. نەچچە كۈن ئىلگىرى مالىيە مىنستىرلىقى بىلەن دۇنيا بانكىسى ئۇيۇشتۇرغان تىجارەت-سودا مۇھىتىنى ياخشىلاش مۇھاكىمە يىغىنىدا چەتئەلنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسىنىڭ ۋەكىللىرى جۇڭگونىڭ تىجارەت-سودا مۇھىتىنى بەس-بەستە ماختىدى.

  سودا مىنستىرلىقىنىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىدىن ئايان بولۇشىچە، 1-ئايدىن 10-ئايغىچە مەملىكەت بويىچە يېڭىدىن تەسىس قىلىنغان چەتئەللىك سودىگەرلەر مەبلەغ سالغان كارخانا 33مىڭ 407 بولۇپ، ئەمەلىي ئىشلەتكەن تاشقى مەبلەغ 752مىليارد 410مىليون يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.6 ئاشقان.

  جۇڭگو ئېچىۋېتىشنى داۋاملىق كېڭەيتىپ، تىجارەت-سودا مۇھىتىنى يەنىمۇ ياخشىلاپ، دۇنيا بىلەن تەڭ تەرەققىي قىلىپ، چەتئەللىك سودىگەرلەر، چەتئەل مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ھۆرمەتلىشىگە ۋە ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ