مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگو ئامېرىكىنىڭ ھەربىي پاراخوت ۋە ئايروپىلانلىرىنىڭ شياڭگاڭغا بېرىپ دەم ئالدۇرۇش-تەرتىپكە سېلىش ئىلتىماسىنى تەستىقلاشنى ۋاقىتلىق توختىتىدۇ ھەمدە جۇڭگوغا قارشى تۇرۇپ شياڭگاڭنى مالىمان قىلغان ئۇنسۇرلارنى قوللايدىغان ئامېرىكىنىڭ غەيرىي ھۆكۈمەت تەشكىلاتلىرىنى جازالايدۇ

2019.12.03 15:53 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ 2-دېكابىردىكى قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىدا مۇنۇلارنى جاكارلىدى: جۇڭگو ھۆكۈمىتى بۈگۈندىن باشلاپ ئامېرىكىنىڭ ھەربىي پاراخوت ۋە ئايروپىلانلىرىنىڭ شياڭگاڭغا بېرىپ دەم ئالدۇرۇش-تەرتىپكە سېلىش ئىلتىماسىنى تەستىقلاشنى ۋاقتىنچە توختىتىشنى قارار قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، «ئامېرىكا دۆلەت دېموكراتىيە فوندى جەمئىيىتى» قاتارلىق شياڭگاڭدىكى نىزامغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ۋەقەسىدە ئىپادىسى ناچار بولغان ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلارغا قارىتا جازالاشنى يولغا قويىدۇ.

  خۇا چۈنيىڭ مۇنداق دېدى: يېقىندا، ئامېرىكا تەرەپ جۇڭگونىڭ قەتئىي قارشى تۇرۇشىغا قارىماي، ئاتالمىش «شياڭگاڭنىڭ ئىنسانىي ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە قانۇن لايىھەسى»گە ئىمزا قويۇپ قانۇنلاشتۇردى، بۇ، خەلقئارا قانۇن ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ ئاساسىي مىزانىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىپ، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئېغىر دەرىجىدە ئارىلاشقانلىق، جۇڭگو بۇنىڭغا قەتئىي پوزىتسىيە بىلدۈردى. ئامېرىكا تەرەپنىڭ يولسىزلىق قىلمىشىغا قارىتا، جۇڭگو ھۆكۈمىتى بۈگۈندىن باشلاپ ئامېرىكا ھەربىي پاراخوت ۋە ئايروپىلانىنىڭ شياڭگاڭغا بېرىپ دەم ئالدۇرۇش-تەرتىپكە سېلىش ئىلتىماسىنى تەستىقلاشنى توختىتىشنى قارار قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، «ئامېرىكا دۆلەت دېموكراتىيە فوندى جەمئىيىتى»، «ئامېرىكا خەلقئارا ئىشلار دېموكراتىيە جەمئىيىتى»، «ئامېرىكا خەلقئارا جۇمھۇرىيەت تەتقىقات ئورنى»، «ئىنسانىي ھوقۇق بويىچە كۆزىتىش»، «ئەركىن ئائىلە» قاتارلىق شياڭگاڭدىكى نىزامغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ۋەقەسىدە ئىپادىسى ناچار بولغان ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلارغا قارىتا جازالاشنى يولغا قويدى. جۇڭگو تەرەپ ئامېرىكىنىڭ خاتالىقنى تۈزىتىپ، شياڭگاڭنىڭ ئىشلىرىغا قول تىقىدىغان، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىدىغان ھەرقانداق سۆز-ھەرىكەتنى توختىتىشقا دەۋەت قىلىدۇ، جۇڭگو ۋەزىيەت تەرەققىياتىغا ئاساسەن، يەنىمۇ زۆرۈر ھەرىكەت قوللىنىپ، شياڭگاڭنىڭ مۇقىملىقى ۋە گۈللىنىشىنى، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئەتىنى قەتئىي قوغدايدۇ.

  بىر مۇخبىر مۇنداق سورىدى: جۇڭگو نېمە ئۈچۈن ئامېرىكىنىڭ ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلىرىنى جازالايدۇ؟

  خۇا چۈنيىڭ مۇنداق دېدى: نۇرغۇن پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلار شۇنى چۈشەندۈرۈپ بەردىكى، ئالاقىدار ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلار ھەر خىل شەكىللەر ئارقىلىق جۇڭگوغا قارشى تۇرۇپ شياڭگاڭنى قالايمىقانلاشتۇرىدىغان ئۇنسۇرلارنى قوللاپ، ئۇلارنى چېكىدىن ئاشقان زوراۋانلىق جىنايى ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشقا كۈشكۈرتۈپ، «شياڭگاڭ مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىگە قۇتراتقۇلۇق قىلغان بولۇپ، نۆۋەتتىكى شياڭگاڭدىكى قالايمىقانچىلىق ۋەزىيىتىگە قارىتا زور مەسئۇلىيىتى بار. بۇ تەشكىلاتلار جازاغا تارتىلىشى، تېگىشلىك بەدەل تۆلىشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ