مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ نېگىزلىك قانۇنى يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى خاتىرىلەش سۆھبەت يىغىنى 3-دېكابىر بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدۇ

2019.12.03 15:52 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئاۋمېن ۋەتەن قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىنگەنلىكىنىڭ 20 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى 3-دېكابىر چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى نېگىزلىك قانۇنى يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى خاتىرىلەش سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزىدۇ.

  باياناتچى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: شۇ چاغدا، پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى، مەركەزدىكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرى ۋە قىسمەن ئاساسلىق ئەمەلدارلىرى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مەسئۇللىرى، ئاۋمېن نېگىزلىك قانۇن كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، نېگىزلىك قانۇن تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئالىملار سۆھبەت يىغىنىغا قاتنىشىدۇ. شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئاۋمېن نېگىزلىك قانۇنى كومىتېتى يەنە خەلق سارىيىدا ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ نېگىزلىك قانۇنى يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزىدۇ، ئىچكىرى جايلار ۋە ئاۋمېندىكى نېگىزلىك قانۇن تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئالىملار مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتنىشىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ