مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مەركەز «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئۇقتۇرۇش بېسىپ تارقاتتى

«مەنزىرە يورۇتۇش قۇرۇلۇشى»دىكى ھەددىدىن زىيادە ئېشىپ كېتىش قاتارلىق «نەتىجە قۇرۇلۇشى»، «ئوبراز قۇرۇلۇشى» مەسىلىلىرىنى تۈزىتىش كېرەك

2019.12.03 15:50 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، مەركەز «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى «‹مەنزىرە يورۇتۇش قۇرۇلۇشى›دىكى ھەددىدىن زىيادە ئېشىپ كېتىش قاتارلىق ‹نەتىجە قۇرۇلۇشى›،‹ئوبراز قۇرۇلۇشى› مەسىلىلىرىنى تۈزىتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقىتىپ، «مەنزىرە يورۇتۇش قۇرۇلۇشى»دىكى ھەددىدىن زىيادە ئېشىپ كېتىش قاتارلىق «نەتىجە قۇرۇلۇشى»، «ئوبراز قۇرۇلۇشى» مەسىلىلىرىنى تۈزىتىشنى باش تېما تەربىيەسى بويىچە مەخسۇس تۈزىتىش مەزمۇنىغا كىرگۈزۈپ، ئۆگىنىش، تەربىيەنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆزىنى تەكشۈرۈپ باھالاشنى ياخشى تۇتۇپ، ئەستايىدىل تۈزىتىپ قېلىپلاشتۇرۇپ، ھەيدەكچىلىك-يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، تۈزىتىش خىزمىتىنى قاتتىق، ئەمەلىي، ياخشى تۇتۇشنى تەلەپ قىلدى.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئەمەلىيەتتىن چەتنەپ، قارىغۇلارچە مەنزىرە يورۇتۇش ئەسلىھەلىرىنى قۇرۇشقا كىرىشىپ، خەلققە جاپا سېلىپ، مال-مۈلۈككە زىيان يەتكۈزىدىغان «نەتىجە قۇرۇلۇشى»، «ئوبراز قۇرۇلۇشى» ئېلىپ بېرىش بەزى جايلاردا، بولۇپمۇ نامرات رايونلار، تەرەققىي قىلمىغان رايونلارنىڭ شەھەر-بازار قۇرۇلۇشىدا كۆرۈلۈپ، دۆلەتنىڭ مالىيە كۈچى ۋە ئىجتىمائىي بايلىق ئىسراپچىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپلا قالماي، يەنە ساختىپەزلىك، ھەشەمەتچىلىك، ئىسراپچىلىق قىلىشتەك ناچار كەيپىياتنىڭ ئەۋج ئېلىشىغا ياردەم بەردى. بۇ مەسىلىلەرنىڭ خەۋپىنى تولۇق تونۇپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، دەل جايىدا ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تۈزىتىش خىزمىتىنى پۇختا، تەرتىپلىك ياخشى تۇتۇش كېرەك.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئۆگىنىش، تەربىيەنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، توغرا نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك بەنزىلىرى ۋە رەھبىرىي كادىرلار، بولۇپمۇ شەھەرلىك، ناھىيەلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە رەھبىرىي كادىرلار شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش ئاساسىي مەقسىتىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، توغرا نەتىجە قارىشىنى پۇختا تۇرغۇزۇشى كېرەك. پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۆز جايىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئەھۋالى ۋە مالىيە كۈچى سەۋىيەسىگە ئاساسەن، ھالىغا قاراپ شەھەر قۇرۇلۇشى ۋە تۈرلۈك ئىشلارنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مالىيە كۈچىنى تەرەققىيات ۋە خەلق تۇرمۇشى جىددىي ئېھتىياجلىق ساھەلەرگە ھەقىقىي ئىشلىتىپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش، خەلققە نەپ يەتكۈزۈشنى شەھەر قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىپ، خەلق ئاممىسى ئەندىشە قىلىدىغان، باش قاتۇرىدىغان، غەم قىلىدىغان ئىشلارنى ھەقىقىي ياخشى ھەل قىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ