مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«ھەددىدىن زىيادە مەنزىرە يورۇتۇش قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىش قاتارلىق نەتىجە قۇرۇلۇشى، ئوبراز قۇرۇلۇشى مەسلىسىنى تۈزەش» ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇش تارقىتىلدى

2019.12.03 15:01 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  يېقىندا مەركەز «ئەسلى مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى «ھەددىدىن زىيادە مەنزىرە يورۇتۇش قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىش قاتارلىق نەتىجە قۇرۇلۇشى، ئوبراز قۇرۇلۇشى مەسلىسىنى تۈزەش» ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشنى بېسىپ تارقىتىپ، ھەددىدىن زىيادە مەنزىرە يورۇتۇش قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىش قاتارلىق نەتىجە قۇرۇلۇشى، ئوبراز قۇرۇلۇشى مەسىلىسىنى باش تېما تەربىيەسىدىكى مەخسۇس تۈزەش مەزمۇنىغا كىرگۈزۈپ، ئۆگىنىش، تەربىيەنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆز ئۆزىنى تەكشۈرۈش، باھالاشنى ياخشى تۇتۇپ، ئەستايىدىل، تۈزىتىپ، قېلىپلاشتۇرۇپ، ھەيدەكچىلىك قىلىش ۋە يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، تۈزىتىش خىزمىتىنى قاتتىق ھەقىقىي ياخشى تۇتۇشنى تەلەپ قىلدى.

  «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئەمەلىيەتتىن چەتنەپ، مەنزىرىلەرنى يورۇتۇش ئەسلىھەلىرىنى قارىغۇلارچە قۇرۇپ، خەلققە جاپا سېلىپ، مال-مۈلۈكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان «نەتىجە قۇرۇلۇشى»، «ئوبراز قۇرۇلۇشى»نى يولغا قويۇش ھادىسىلىرى بەزى جايلار، بولۇپمۇ نامرات رايونلار، تەرەققىي تاپمىغان رايونلارنىڭ شەھەر-بازار قۇرۇلۇشىدا بايقالدى، بۇ دۆلەتنىڭ مالىيە كۈچى ۋە ئىجتىمائىي بايلىقىنى ئىسراپ قىلىپلا قالماستىن، يەنە ساختىپەزلىك، ھەشەمەتچىلىك، ئىسراپچىلىق قىلىشتەك ناچار كەيپىياتقا تۈرتكە بولدى. بۇ مەسىلىلەرنىڭ زىيىنىنى تولۇق تونۇپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، دەل جايىدا تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، تۈزەش خىزمىتىنى پۇختا، تەرتىپلىك چىڭ تۇتۇش كېرەك.

  «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئۆگىنىش- تەربىيەنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، توغرا نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك بەنزىلىرى ۋە رەھبىرىي كادىرلار، بولۇپمۇ شەھەرلىك، ناھىيەلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە رەھبىرىي كادىرلىرى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «ئەسلى مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئاساسىي مەقسىتىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، توغرا نەتىجە قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشى كېرەك. پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۆز رايونىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئەھۋالى ۋە مالىيە كۈچى سەۋىيەسىگە ئاساسەن، شەھەر قۇرۇلۇشى ۋە تۈرلۈك ئىشلارنى مادارىغا قاراپ ئىلگىرى سۈرۈپ، مالىيە كۈچىنى تەرەققىيات ۋە خەلق تۇرمۇشىغا جىددىي ئېھتىياجلىق ساھەلەرگە ھەقىقىي ئىشلىتىپ، كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈشنى شەھەر قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىپ، خەلق ئاممىسىى باش قاتۇرۇۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان ئىشلارنى ھەقىقىي ھەل قىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك.

  «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئۆز ئۆزىنى تەكشۈرۈش ۋە باھالاشنى ياخشى تۇتۇپ، ئەستايىدىل تۈزىتىپ، قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك. زۆرۈر يورۇتۇش قۇرۇلۇشىنى ئېلىپ بېرىشقا بولىدۇ، لېكىن ئەمەلىيەتنى ئاساس قىلىش كېرەك. يەرلىك ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر بىر بىرلەپ تەكشۈرۈش ۋە تۈزىتىشنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇپ، ئاساسىي تېما تەربىيەسىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈشكە بىرلەشتۈرۈپ، ئاممىنىڭ پىكرىنى كەڭ دائىرىدە ئاڭلاپ، شۇ جاينىڭ مەنزىرە يورۇتۇش قۇرۇلۇشى قاتارلىق شەھەر-بازار قۇرۇلۇشى تۈرلىرىنى رەتلەپ باھالاپ، شەھەر-بازارلارنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە خىلاپلىق قىلىنغان، بايلىق، مۇھىتنىڭ بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارىدىن، يەرلىك مالىيە كۈچىدىن ئېشىپ كەتكەن، خەلق ئاممىسىنىڭ ئارزۇسىدىن چەتنەپ كەتكەن «نەتىجە قۇرۇلۇشى»، «ئوبراز قۇرۇلۇشى»نىڭ بار يوقلۇقىغا قاراپ، بىر-بىرلەپ سېلىشتۇرۇپ تەكشۈرۈپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ قۇرۇلۇش قىلىش قىلمىشلىرىنى تەكشۈرۈش ۋە بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. «ھازىر ئۆزگەرتىش» بىلەن «ئۇزاققىچە ئورنىتىش»نى بىرلەشتۈرۈپ، ئۇزاق ئۈنۈملۈك بولۇشىغا ئەھمىيەت بېرىپ، مەۋقەنى قېلىپلاشتۇرۇشقا قارىتىپ، تەكلىپ بېرىش، پىلانلاش، تەستىقلاش، قۇرۇش قاتارلىق تەرەپلەرنى چۆرىدەپ، ئالاقىدار مېخانىزملارنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «نەتىجە قۇرۇلۇشى»، «ئوبراز قۇرۇلۇشى»نىڭ مەنبەسىدىن ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

  «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار تەكىتلەندى: تۈزەش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەيدەكچىلىك ۋە يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىش كېرەك. ئۆلكىلىك(ئاپتونوم رايونلۇق، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك) پارتكوملار رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىر تۇتاش پىلانلاشنى چىڭ تۇتۇشى كېرەك. شەھەرلىك، ناھىيەلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبەرلىك بەنزىسى ئۆزى قاتنىشىپ، تۈزەش خىزمىتىنى قاتتىق، ئەمەلىي، ياخشى تۇتۇشى كېرەك. ھەممىدە ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پۈتكەن ۋە قۇرۇلۇۋاتقان مەنزىرە يورۇتۇش قۇرۇلۇشىغا تۈرلەر بويىچە يېتەكچىلىك قىلىپ، تۈزىتىش داۋامىدا قۇرۇلۇشنى چېقىۋېتىپلا بىر تەرەپ قىلىپ، يېڭى ئىسراپچىلىق پەيدا قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك. مەركەز يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى، مەركەز كۆزىتىش ـ نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى ۋە ھەر دەرىجىلىك كۆزىتىش ـ نازارەت قىلىش گۇرۇپپىلىرى ھەيدەكچىلىك قىلىش ـ يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، ساقلانغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىپ، تولۇق قېلىپلاشتۇرۇشقا ھەيدەكچىلىك قىلىپ، سەۋەنلىك يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ