مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«مۇشۇ پەيتتە. 2019-يىللىق ھەربىي پارات» سەنيادا قويۇلدى

2019.12.03 15:00 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  مەركىزىي رادىيو، تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى بىلەن دۆلەتلىك كىنو ئىدارىسى بىرلىكتە ئىشلىگەن، مەركەز ۋىدىيوسى چىقارغان 4K لىق ئالاھىدە سۈزۈك بىۋاسىتە تارقىتىلغان كىنو «مۇشۇ پەيتتە. 2019-يىللىق كاتتا ھەربىي پارات» 12-ئاينىڭ 2-كۈنى 2-نۆۋەتلىك خەينەن ئارىلى خەلقئارا كىنو بايرىمىدا تاماشىبىنلار بىلەن يۈز كۆرۈشتى.

  «مۇشۇ پەيتتە. 2019-يىللىق كاتتا ھەربىي پارات» ناملىق كىنو-مەركىزىي رادىيو، تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى بۇ يىل جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن پۈتۈن دۇنيادىكى تاماشىبىنلارغا تەقدىم قىلغان بىر كاتتا فىلىم. 10-ئاينىڭ 1-كۈنى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئون نەچچە شەھەردىكى 70 كىنوخانا سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق مەركىزىي رادىيو، تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسىنىڭ 4K لىق ئالاھىدە سۈزۈك سىگنالىنى قوبۇل قىلىپ، 4K لىق ئالاھىدە سۈزۈك بىۋاسىتە تارقىتىلغان كىنونى تەڭ قەدەمدە بىۋاسىتە كۆرسەتتى. دۆلەت بايرىمىدىن كېيىن، مەركىزىي رادىيو، تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى يەنە «مۇشۇ پەيتتە-جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىق كاتتا مەرىكىسى»نىڭ گۇاڭدۇڭ شىۋىسىدىكى نۇسخىسى، بەش ئاز سانلىق مىللەت تىلىدىكى نۇسخىسى ھەم «كاتتا ھەربىي پارات.2019»نىڭ ئالتە چەتئەل تىلىدىكى نۇسخىسىنى ئارقا-ئارقىدىن تارقاتتى. 11-ئاينىڭ 15-كۈنى، باش ئىستانسا ئىشلىگەن 4K لىق ئالاھىدە سۈزۈك بىۋاسىتە تارقىتىلغان كىنو «مۇشۇ پەيتتە. 2019-يىللىق كاتتا ھەربىي پارات» پۈتۈن مەملىكەتتىكى كىنوخانىلاردا رەسمىي قويۇلدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ