مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئاپتوموبىل ھەيدەشتىكى ئون چوڭ مەدەنىيەتسىز ھەرىكەت ئېلان قىلىندى

2019.12.03 13:53 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12- ئاينىڭ 2- كۈنى بولسا، «مەملىكەت بويىچە قاتناش بىخەتەرلىكى كۈنى»نىڭ 8- قېتىملىقى. بۇ يىلقى ئاساسىي تېما «قائىدىگە رىئايە قىلىپ، يوشۇرۇن خەۋپنى تۈگىتىپ، بىخەتەر ۋە مەدەنىي سەپەرگە چىقىش» بولۇپ، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى «قاتناش قائىدىسىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان ئون چوڭ مەدەنىيەتسىز ھەيدەش ھەرىكىتى»نى ئېلان قىلدى. بۇ ئون چوڭ مەدەنىيەتسىز ھەيدەش قىلمىشى تۆۋەندىكىچە: باشقىلارغا بەلگىلىمە بويىچە يول بەرمەسلىك، قائىدىگە خىلاپ ھالدا يانداپ ئۆتۈش، باشقا ئاپتوموبىل بىلەن دوقىرىشىش، ئاپتوموبىلنى قائىدىگە خىلاپ ھالدا كەينىگە ياندۇرۇش، قائىدىگە خىلاپ ھالدا خالىغانچە يول ئۆزگەرتىش، قائىدىگە خىلاپ ھالدا باشقىلارنىڭ يولىنى ئىگىلەپ يۈرۈش، ئاپتوموبىلنى قائىدىگە خىلاپ ھالدا توختىتىش، ئاپتوموبىلنى قائىدىگە خىلاپ ھالدا كەينىگە بۇراش، قائىدىگە خىلاپ ھالدا باشقىلار يول تالىشىپ يۈرۈش، بىخەتەر ئارىلىق ساقلىماسلىق.

  ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، 2019- يىلى 1- ئايدىن 10- ئايغىچە، بەلگىلىمە بويىچە يول بەرمىگەن، قانۇنغا خىلاپ ھالدا يانداپ ئۆتكەن، باشقا ئاپتوموبىل بىلەن دوقىرىشقان، قائىدىگە خىلاپ ھالدا ئاپتوموبىل توختاتقان دېگەندەك قاتناش قائىدىسىگە بۇزغۇنچىلىق قىلغان مەدەنىيەتسىز ھەيدەش قىلمىشلىرى نەتىجىسىدە جەمئىي 9656 ئادەم ئۆلگەن، 58 مىڭ 675 ئادەم يارىلانغان. بۇنىڭ ئىچىدە، «بەلگىلىمە بويىچە يول بەرمەسلىك»تەك بۇ بىر تۈرلۈك قىلمىشتىلا 4661 ئادەم ئۆلگەن، 27 مىڭ 15 ئادەم يارىلانغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ