مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

تور بېكەت ۋە تور سۇپىلىرىدىن 16سى توردىكى پىتنە-ئىغۋالارغا ئورتاق قارشى تۇرۇش ۋە تور ئېكولوگىيەسىنى ساپلاشتۇرۇشقا ۋەدە بەردى

2019.12.03 13:48 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12- ئاينىڭ 2- كۈنى، شىئەندە ئۆتكۈزۈلگەن 2019- يىللىق جۇڭگو تور سەمىمىيەت يىغىنىدا، مەركەز ئالاقە تورى ئۇچۇر ئىشخانىسىنىڭ قانۇنغا خىلاپ ۋە ناچار ئۇچۇرلارنى بىر تەرەپ قىلىش مەركىزى خەلق تورى ۋە شىنخۇا تورى قاتارلىق 16 تور بېكەت ۋە تور سۇپىسىنى «توردىكى پىتنە-ئىغۋالارغا ئورتاق قارشى تۇرۇش ۋەدىنامىسى»نى ئىمزالاش ۋە جەمئىيەتكە ۋەدە بېرىشكە تەشكىللىدى، ھەمدە ئۇلارنىڭ پىتنە-ئىغۋالارنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن بايقاش، پىتنە-ئىغۋالارنى قەتئىي توسۇش، پىتنە-ئىغۋالارنى ئۈنۈملۈك تۈزەش، پىتنە-ئىغۋالارنى بىرلىكتە تۈگىتىش، ئالاقە تورىنى باشقۇرۇش تارماقلىرى ۋە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ نازارىتىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىش، ئىستىلى دۇرۇس ۋە كەيپىياتى توغرا بولغان تور ئېكولوگىيەسىنى ئورتاق بەرپا قىلىش قاتارلىق يەتتە ماددىلىق ۋەدەنامىگە ئەمەل قىلىشى ئۈچۈن ئۇلارغا چاقىرىق قىلدى.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ۋەدە بېرىش مەزمۇنى يەنە تور ئەھلىلىرىنىڭ پىتنە-ئىغۋالارنى پەرقلەندۈرۈشىگە قولايلىق يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن، ھەمىشە قايتا-قايتا تەكرارلىنىدىغان پىتنە-ئىغۋا ئۇچۇرلىرىغا بەلگە قويۇش، كونا پىتنە-ئىغۋالارنىڭ قايتا-قايتا تەكرارلىنىشى ۋە تارقىلىشى دېگەندەك قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش قاتارلىقلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. بۇ 16 تور بېكەت ۋە سۇپىنىڭ ئىچىدە، خەلق تورى، شىنخۇا تورى، جۇڭگو تورى، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تورى، جۇڭگو ياشلار تورى، جۇڭگو ئىقتىساد تورى، نۇر تورى، جۇڭگو ئاخبارات تورى، چيەنلۇڭ تورى، شاڭگۇەن خەۋىرى، تېڭشۈن، شىنلاڭ مىكرو بىلوگى، شىنلاڭ تورى، بەيدۇ، بۈگۈنكى باش خەۋەر، تيەنيا مەھەللىسى قاتارلىقلار بار.

  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، پاش قىلىش مەركىزى يەنە پىتنە-ئىغۋالارنىڭ يىپ ئۇچلىرىنى پاش قىلىش ئېغىزى تەسىس قىلىش، پىتنە-ئىغۋالارنى پاش قىلىدىغان ئەسەرلەرنى ئېلان قىلىش، پىتنە-ئىغۋالارنى پاش قىلىش باش تېما پائالىيىتى ئۆتكۈزۈش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، تېخىمۇ كۆپ تور ئەھلى ۋە تور بېكەتلىرىنى توردىكى پىتنە-ئىغۋالارغا بىرلىشىپ تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىگە قاتنىشىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، توردا پىتنە-ئىغۋا تارقىتىدىغان ئىللەتلەرنى تۈزەشنىڭ بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرۈپ، تور ئېكولوگىيەسىنى ساپلاشتۇرىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ