مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى لوندوندىكى تېررورلۇق ھۇجۇمى دېلوسى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:

تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتا «قوش ئۆلچەم» بولماسلىقى كېرەك

2019.12.03 13:46 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا ئەنگلىيەنىڭ لوندوندا يۈز بەرگەن پىچاق كۆتۈرۈپ قاتىللىق قىلىش دېلوسىغا قارىتا، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ 2-دېكابىر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو بىگۇناھ قازا قىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈرىدۇ، تېررورلۇق دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر دۇچ كەلگەن ئورتاق خىرىس، تېررورچىلار ئەزەلدىن دۆلەت تەۋەلىكىنى ئايرىمايدۇ، دىن ئايرىمايدۇ، جىنس ئايرىمايدۇ، ياش ئايرىمايدۇ، شۇڭا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتا «قوش ئۆلچەم» بولماسلىقى كېرەك.

  شۇ كۈندىكى قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، بىر مۇخبىر مۇنداق دەپ سورىدى: خەۋەرلەرگە قارىغاندا، 11- ئاينىڭ 29-كۈنى، يالغاندىن ياسىۋالغان ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش شەكلىدىكى بومبىلىق ئاسما مايكا كىيگەن بىر ئەر ئەنگلىيە لوندون شەھىرىنىڭ لوندون كۆۋرۈكى ئەتراپىدا پىچاق كۆتۈرۈپ قاتىللىق قىلغان، ئىككى ئادەم قازا قىلغان. بۇ ئەر ئاخىرىدا ساقچىلار تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن. جۇڭگو بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىدۇ؟

  خۇا چۈنيىڭ مۇنداق دېدى: بۇ بىر بەختسىز دېلو، جۇڭگو بىگۇناھ قازا قىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈرىدۇ، ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە يارىلانغانلاردىن ھال سورايدۇ، شۇنداقلا ئەنگلىيە ساقچىلىرىنىڭ كەسكىن تەدبىر قوللىنىپ زوراۋانلىق، تېررورلۇق قىلمىشلىرىغا تاقابىل تۇرۇشىنى چۈشىنىدۇ ۋە قوللايدۇ.

  خۇا چۈنيىڭ مۇنداق دېدى: «شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، نۇرغۇن كىشىلەر ماڭا ئوخشاش ئويلاۋاتماقتا، ئەگەر بۇ تېررورلۇق ھۇجۇمى دېلوسى جۇڭگودا يۈز بەرگەن بولسا ئەنگلىيە، ئامېرىكا تاراتقۇلىرى قانداق خەۋەر قىلاتتى ۋە چۈشەندۈرەتتى؟» ئىلگىرىكى كەچۈرمىشلەرگە ئاساسلانغاندا، ئۇلار قاتىلنى پەردازلاپ ئېزىلىشكە قارشىلىق كۆرسىتىشكە مەجبۇر بولغان «جەڭچى» دەپ، ساقچىلارنىڭ يېقىن ئارىلىقتىن ئوق چىقىرىپ قاتىلنى ئېتىۋېتىشىنى «ھەددىدىن زىيادە زورلۇق ئىشلىتىش» دەپ گۇمان قىلغان بولاتتى. يەنە بىر تەرەپتىن، تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ دېلودىكى قاتىلنىڭ زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايەت تارىخى بار ئىكەن. ئۇ 2012-يىلى لوندوندىكى بەلگىلىك ئىمارەتكە پارتلىتىش ھۇجۇمى قوزغاشقا ئۇرۇنغانلىقتىن، 16 يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان، بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا شەرتلىك قويۇپ بېرىلگەن ھەمدە مۇددەتتىن بۇرۇن تۈرمىدىن چىققان ئىكەن. بۇلتۇر 12-ئايدا، فىرانسىيە ستراسبۇرگدا زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلوسى يۈز بەردى، مۇناسىۋەتلىك قاتىلنىڭمۇ جىنايەت ئۆتكۈزۈپ تۈرمىگە كىرىش خاتىرىسى بار ئىدى، بىر مەھەل فىرانسىيە ساقچىلىرى تەرىپىدىن «ئەسەبىي خادىملارنى نازارەت قىلىش تىزىملىكى»گە كىرگۈزۈلگەن. تۈرمىدىن چىقىپ ئۇزاق ئۆتمەي، ئۇ ستراسبۇرگ بازىرىدا يەنە بىر قېتىم تېررورلۇق ھۇجۇمى قوزغاپ، ئېغىر تىراگېدىيە پەيدا قىلدى.

  خۇا چۈنيىڭ مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە بۇلارنىڭ ھەممىسى شۇنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇكى، تېررورلۇق دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر دۇچ كەلگەن ئورتاق خىرىس، تېررورچىلار ئەزەلدىن دۆلەت تەۋەلىكىنى ئايرىمايدۇ، دىن ئايرىمايدۇ، جىنس ئايرىمايدۇ، ياش ئايرىمايدۇ، شۇڭا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتىمۇ ‹قوش ئۆلچەم› بولماسلىقى كېرەك. ھەرقايسى دۆلەتلەر ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش تەدبىرلىرى ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق بىخەتەرلىكىنى قوغدىشى كېرەك».

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ