خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، شاڭخەي شەھەرلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى (شەھەرلىك مەمۇرلار ئىدارىسى)، جۇڭگو (شاڭخەي) ئەركىن سودا سىناق رايونى لىنگاڭ يېڭى رايونىنى باشقۇرۇش كومىتېتى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىن بەش مەمۇرنى ئاشكارا تەكلىپلىك تەيىنلەشنى، مەملىكەت بويىچە 30 مەمۇرنى ئاشكارا تاللاش ۋە ئاشكارا تاللاپ يۆتكەشنى قارار قىلدى.
بۇنىڭ ئىچىدە، تەكلىپلىك تەيىنلەش تۈزۈمىدىكى مەمۇرلارغا كېلىشىم بويىچە يىللىق مائاش، بىر ۋەزىپە، بىر مائاش قاتارلىق مائاش سىياسىتى يولغا قويۇلدى، يىللىق مائاشى 500 مىڭ يۈەندىن 800 مىڭ يۈەنگىچە بولدى. ئاشكارا تەكلىپ قىلىش تەرتىپى توردا تىزىملىتىش، سالاھىيەت تەكشۈرۈش، ئىمتىھان ئېلىپ باھالاش، تەكشۈرۈپ ئېلان قىلىش قاتارلىق ھالقىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ ئاشكارا تاللاش ۋە تاللاپ يۆتكەش تەرتىپى توردا تىزىملىتىش، سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش، ئۇنىۋېرسال سېلىشتۇرۇپ تاللاش، تەكشۈرۈپ ئېلان قىلىش قاتارلىق ھالقىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، تىزىمغا ئالدۇرۇشتا شەخسنىڭ ئارزۇسى بىلەن تەشكىلنىڭ تونۇشتۇرۇشىنى بىرلەشتۈرۈش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ. ئىمتىھانغا تىزىملاتقانلار 12-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن 11-كۈنىگىچە «2019-يىللىق جۇڭگو (شاڭخەي) ئەركىن سودا سىناق رايونى لىنگاڭ يېڭى رايونىنى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ ئاشكارا تەكلىپ قىلىش سەھىپىسى»گە كىرىپ، ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى سۈرۈشتۈرسە ھەمدە تىزىمغا ئالدۇرسا بولىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ